ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن پۇل بولمىسا قانداق قىلش كىرەك؟

ھېچقىسى يوق ،سىز يېقىن دوسلىرىڭىزدىن ئارىيەت ئالسىڭىز بولىدۇ. ياكى بانكىدىن ئارىيەت ئالسىڭىزمۇ،ۋە ياكى خوجايىندىن ئارىيەت ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
تېخنىكا يوق ، قابىلىيەتلىك ئادەم يوق، تەجرىبىمۇ يوق بولسا قانداق قىلىش كىرەك؟


ھېچقىسى يوق .سىز پەن تەتقىقات ئورنىغا بارسىڭىز بولىدۇياكى بولمىسا ئالىي مەكتەپلەردىن ئارىيەت ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنى سىز باشقىلارنىڭ كاللىسىنى ۋە ئەقىل- پاراسىتىنى ئارىيەت ئېلىپ ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرسىڭىز ،ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقلاشسىڭىز،ۋە ھەمكارلاشسىڭىز بولىدۇ.


ئىش باشلىغاندا ،ئىقتىسادىي جەھەتتە نام چىقىرالمىسىڭىز ياكى نامىڭىز بولمىسا قانداق قىلىش كىرەك؟
ھېچقىسى يوق. سىز داڭلىق ماركىلارنى ئارىيەت ئېلىپ ،داڭلىق كىشىلەرنى ئارىيەتكە ئېلىپ تۇرۇپ،چىرايلىق نامىڭىزنى چىقىرىڭ.
سىز يەنە ئەمگەك كۈچى ،ئۈسكىنە،زىمىن،نام ئاتاق قاتارلىقلارنى ئارىيەتكە ئالسىڭىز بولىدۇ.ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا <<ئارىيەتكە ئېلىش>>سۆزى كەڭ دائىرلىك بولۇپ چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.
1. ئىگىلىك تىكلەشتە دەسمايە بولمىسا قانداق پۇل ئارىيەت ئېلىش كىرەك؟

 


قەرىز ئېلىشتىن سۆز ئاچقاندا ،بەزى كىشىلەر قورقىدۇ. نىمىدىن قورقىدۇ؟ ئۆسۇم تۆلەشتىن قورقىدۇ.ئۆسۇمىنى تۆلىيەلمەسلىكىدىن ،قەرىزنى قايتۇرالماسلىقتىن قۇرقىدۇ. بەزى كىشىلەر<<مەن باشقىلاردىن قەرىز ئالسام ،گېلىمدىن تاماقمۇ ئۆتمەيدۇ،ئۇيقۇممۇ كەلمەيدۇ. پۇتۇن بىر كۇن كۆڭلۇم غەش بولۇپ بېسىم ئىچىدە ياشايمەن>>دەيدۇ. بىر ئادەم ئىگىلىك تىكلەيمەن، تەرەققى قىلىمەن دەيدىكەن قەرىز ئېلىشقا جۇرئەت قىلالىشى كىرەك.

 

سودا ساھەسىدە مۇنداق بىر گەپ بار:پۇل خەجلەشنى بىلگەن ئادەم ،باشقىلارنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ.پۇل خەجلەشنى بىلمىگەن ئادەم، ئۆزىنىڭ پۇلىنى خەجلەيدۇ.>>
داڭلىق كارخانىچى ماشېڭلى ئىلگىرى مۇنداق دىگەن:<پەقەتلا قەرىز ئېلىپ ئاندىن پۇل تاپىمەن دەيدىكەنسەن، مەن ھەر قانچە ياۋۇز ،زالىم بولساممۇ قەرىز ئېلىشقا جۇرئەت قىل .>
بەزى دوسلار:<<مەنمۇ ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۇن دەسمايە بولمىسا قەرىز ئېلىشنى بىلىمەن ،بىراق مەن قەرىز ئالمايمەن ،ھەم كىمدىن قەزىر ئېلىشنىمۇ بىلمەيمەن. قەرىزنى قانداق ئېلىش كىرەك،؟>>دەيدۇ.بۇ خىل كۆز قاراش ئارقىلىق ئەلۋەتتە بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ.

 


(1) پىكىر كۆز قارىشى بولۇش

 


ھەممىلا ئىشنىڭ قانۇنىيتى بولىدۇ.كونىلاردا<<بىر جۈملە سۆز باشقىلارنى كۇلدۇۋېتىشى،يەنە بىر جۇملە سۆز باشقىلارنى سەكرىتىۋېتىشى مۇمكىن>>دەيدىغان گەپ بار.سۆزىڭىز باشقىلارنى قايىل قىلالمىسا ئۇلاردىن قەرىز ئېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن بولمايدۇ.
مەسلەن ئالايلۇق؛ سىز قوشنىڭىزغا <<مېنىڭ ئۇيۇمدە بىر تەشتەك گۇل بار ،سىز ماڭا ياردەم قىلىپ كېسىشىپ بېرەمسىز؟>>دىسىڭىز، قارشى تەرەپ خاتا چۇشىنىپ <<ھىم،كىم سەن ئۈچۈن ئىش قىلغۇدەك، ئىشىڭنى قىل، >>دىيشى مۇمكىن .

 

بىراق سىز ئۇسۇلىڭىزنى ئۆزگەرتىپ،<<مەن سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكى گۇللەرنىڭ ناھايىتى ياخشى كېسىلگەنلىكىنى كۆردۇم. سىز شۇنداق ئىشلارغا بەك ئۇستا ئىكەنسىز ،ھەي ، مېنىڭ ئۆيۇمدە بىر تەشتەك گۇل بار ئىدى،سىز ماڭا كېسىشنى ئۆگىتىپ قويالارسىزمۇ؟قانداق كەسسە چىرايلىق بولىدۇ؟>>دىسىڭىز قارشى تەرەپ چوقۇم خوشاللىق بىلەن سىزگە ياردەم قىلىپ گۇلىڭىزنى كېسىپ بېرىشى مۇمكىن.

 


باشقىلارنىڭ <<راھىپنىڭ تارغاق سېتىۋېلىش >>ھېكايىسىنى ئاڭلىدىمۇ يوق بىلمەيمەن؟كۆپچىلىك ھېكايىنى ئاڭلىشى بىلەنلا ،چوقۇم ئىنتايىن كۈلكىلىكتەك ھېس قىلىدۇ.چۇنكى راھىپلاردا چاچ يوق. ئۇ تارغاق ئېلىپ نىمە ئىش قىلىدۇ؟ مەن كۆپچىلىككە بىر قانۇنىيەتنى دەپ بېرەي.ھەممە ئىشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق قانۇنىيتى بولىدۇ.پەقەت ئاشۇ قانۇنىيەتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرالىغاندا ھەممە ئىشنى ئوڭۇشلۇق بىجىرگىلى بولىدۇ.


ھېكايىدە تارغاق ساتىدىغان ئۈچ ئادەم بار ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن .ئۇلازنىڭ ھەممىسى تارغاقنى راھىپقا تونۇشتۇرغان، بىراق سۆزلەش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ.سېتىپ چىقارغان تارغاقنىڭ سانىمۇ ئوخشاش ئەمەس.


بىرىنچى تارغاق ساتقۇچى ئادەم،راھىپقا<<ھەزىرتىم، سىز تارغاق سېتىۋالامسىز؟>>دەپتۇ. راھىپ بۇ گەپنى ئاڭلاپ<<مېنىڭ چېچىم بولمىسا تارغاق ئېلىپ نىمە ئىش قىلىمەن ؟>>دەپتۇ. تارغاق ساتقۇچى<<گەرچە سىزنىڭ چېچىڭىز بولمىسىمۇ.بىراق يەنە بېشىڭىزدىكى ئۆلگەن تېرىلىرىڭىزنى ياكى كېپەكنى چۇشۇرگىلى، قىچىشقاندا تاتىلغىلى بولىدۇ.ھەم راھەت ھەم بېشىڭىزغا پايدىلىق. داۋاملىق تاراپ تۇرۇشمۇ ساغلاملىققا پايدىلىق بولۇپ ،مېڭىنى سەگەكلەشتۇرىدۇ.يادلىغانلىرىڭىزنى ئاسان ئېسىڭىزدە تۇتالايسىز >>دەپتۇ. راھىپ بۇنى ئاڭلاپ،ئىچىدە<<بىر تارغاق سېتىۋالغاننىڭ شۇنچە كۆپ پايدىسى بارمىدۇ؟بەرىبىر قىممەت بولمىغاندىن كېيىن بىرنى ئېلىپ قويايچۇ >> دەپ ئويلاپتۇ.

 


ئىككىنچى تارغاق ساتقۇچى،ئادەم بولسا راھىپنى كۆرگەندە <<ھەزىرتىم ،تارغاقتىن بىرنى ئېلىپ قويۇڭ>>دەپتۇ،راھىپ بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن <<مەن تارغاق ئېلىپ نىمە ئىش قىلىمەن؟>>دەپتۇ ،تارغاق ساتقۇچى بولسا ،تارغاق بەدىنىڭىزنى چېنىقتۇرۇپلا قالماي،مېڭىنى سەگەكلەشتۇرىدۇ،ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇتخانىدا تاۋاپ قىلغان ۋاقىتتا ، باشنى تاراش قەددى قامىتىنى تۇزەشتۇرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، خۇداغا بولغان ھۆرمىتىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ.ئەگەر شاگىرتلىرىڭىز ھەر كۇنى تاۋاپ قىلغاندا بېشىنى تارىسا ،بۇ ئۇلارنىڭ سىزگە بولغان ئىخلاسمەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.يەنە تېخى ئۇستازىغا بولغان چوڭقۇر مېھرى مۇھەببىتىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.>>دەپتۇ. راھىپ ئويلىنىپ، <<توغرا . مەن ئوننى سېتىۋېلىپ شاگىتلىرىمغا ھەر بىرىگە بىردىن سوۋغا قىلاي .>> دەپتۇ.

 


تارغاق ساتقۇچى ئۇچىنچى ئادەم، راھىپنى كۆرگەندىن كېيىن <<ھەزىرتىم ،تارغاق سېتىۋالامسز ؟>>دەپتۇ. بۇگەپنى ئاڭلىغان راھىپ <<مېنىڭ چېچىم بولمىسا تارغاق سېتىۋېلىپ نىمە ئىش قىلىمەن ؟>>دەپتۇ. بۇ چاغدا تارغاق ساتقۇچى <<گەرچە سىزنىڭ چېچىڭىز بولمىسىمۇ.بىراق سىزنىڭ بۇتخانىدا ئىسرىق سېلىپ تاۋاپ قىلىدىغان ئېتىقادچىلىرىڭىز نۇرغۇن، ناۋادا سىز بىرنى سېتىۋېلىپ ئۇلارغا سوۋغا قىلسىڭىز، ئۇلانىڭ مېڭسىنى تېخىمۇ سەگەكلەشتۇرەلەيسىز، بۇزۇلۇپ كەتكەن دۇنياغا پايدا يەتكۇزۇپ ياخشى تەرەپكە قاراپ يۇزلەندۇرەلەيسىز.

 

شاپائەت يەتكۇزۇپ، بۇتقا چوقۇنغۇچىلارنى ئۆزىڭىزگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرالايسىز، بۇنداق قىلسىڭىز ،قىلغان ئىبادەتلىرىڭىز ۋە ئالىي مېھرى شەپقەتلىك كۆڭلىڭىز خۇدانىڭ ئالدىدا قوبۇل بولۇپ ،خەلىقنىڭ ئارزۇسىمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ.ئۇ چاغدا ئېرىشكەنلىرىڭىز چەكسىز بولمامدۇ؟ بۇنداق بولغاندا ،ئىبادەتخانىغا بېرىپ تاۋاپ قىلغۇچىلار كۇندىن –كۇنگە كۆپىيىپدۇ.>>،دەپتۇ. راھىپ ئاڭلاپلا داۋلىسى بارلىقىنى ھېس قىلىپتۇھەمدە دەرھال <<مەن 1000تال سېتىۋالاي >>دەپتۇ

.
بۇ ھېكايە شۇنى ئىسپاتلايدۇكى >دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، پەقەت سىز ئويلاپ باقمىغان خالاس. گەپ ئادەمگە باغلىق، چارە تەدبىر قىيىنچىلىقتىن كۆپ بولىدۇ.كىچىك ئامالدىن كىچىك مەنپەئەتكە ئېرىشكىلى ، چوڭراق ئامالدىن چوڭ مەنپەئەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

 


(2) نام ئابرويى بولۇشى كىرەك.


كونىلاردا :<ئالماقنىڭ بەرمىكى بار >دەيدىغان گەپ بار.ئەگەر سىز قەرىز ئېلىپ قايتۇرالمىسىڭىز،قەرىزگە باغلىنىپ قېلىپ،قەرىزدىن زىيان تارتىسىز.سىز << يىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلىمىگەندەك >>ئىش قىلىپ يۇرسىڭىز ،كىممۇ سىزگە قەرىز بېرىشكە جۇرئەت قىلالىسۇن سىزگە قەرىز بەرگەن ئادەمنىڭ ئۆزىنى نەس باسقان بولىدۇ.


بىر ئادەمنىڭ نام ئابرويى ياخشى بولمىسا،چوقۇم نۇرغۇن بەدەل تۆلەيدۇ. مەسلەن؛بەزى ئىشلار ئەگەر ئىشەنچىلىك(ئابرويلۇق) بولسا ،ئۇنداقتا قىلىش ئىنتايىن ئاسان بولغان بىر ئىش. ئۇنداق ھەمكارلىشىش توختامنامىسى بۇنداق ھەمكارلىشىش توختامنامىسى تۇزەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق.ئەگەر سىزگە ئىشەنمىسە .ئىش تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدۇ.بىردەم ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرۇپ بىردەم يەنە بىر نىمىدىن مۇداپىئە كۆرىمەن دەپ نۇرغۇن توسالغۇلارنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. تەننەرخىمۇ ناھايىتى يوقىرى بولىدۇ.’

 


(3) ئىككىلا تەرەپكە پايدىسى بولۇش

 


ئەلۋەتتە، يېقىن دوستىڭىز چوقۇم سىزگە پايدا يەتكۇزەلىشى ناتايىن. بىراق بىزدە بىر خىل مىننەتدارلىق ھېسىياتى بولۇشى، ياخشىلىققا جاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلىشىمىز ،چەكلىمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىمىز كىرەك. قىيىنچىلىققا يولۇققان ۋاقىتتا ،باشقىلار سىزگە ياردەم قىلسا ،چوقۇم باشقىلارغا رەھمەت ئېيتىڭ.باشقىلارغا چوقۇم جاۋاپ قايتۇرۇڭ. مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىلار ئادەتتە ياخشىلىققا جاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلىدۇ.


سودا قىلغاندا تېخىمۇ شۇنداق قىلىش كىرەك،كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پايدا مەنپەئەتكە ئىنتىلىدۇ.سىز پۇل تېپىشنى ئويلىسىڭىز .باشقىلارمۇ ئوخشاشلا پۇل تېپىشنى ئويلايدۇ.بىراق باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا توپا چېچىپ، پايدا ئېلىشىغا تەسىر يەتكۇزسىڭىز، ھېچكىم سىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىمايدۇ.دوستىڭىز بولسىمۇ ھەم شۇنداق. بىرىنچى قېتىم زىيان تارتسا بولىدۇ،ئىككىنچى قېتىمدىمۇ بولىدۇ. بىراق ئۇچىنچى قېتىمغا كەلگەندە باشقىلار سىزنى ھەرگىزقايتا توغرا چۇشەنمەيدۇ.


ھازىرقى بانكىلارنىڭ ھەممىسى سودا خارەكتىرلىك بانكىلار،ھەممىسى پۇل توپلاش ئۇچۇن.پەقەتلا بانكىلار پۇل ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ. پەقەت پايدا يەتكۇزەلەيدىغان پىلان ،بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولسىلا ،ئۇلار سىزگە نىمىشقا قەرىز بەرمەيدۇ؟ئۇلار قەرىز بەرمىسە،نىمىگە تايىنىپ تاماق يەيدۇ؟سىز ئالغان قەرىز كۆپ بولسا ئۇلار ئالىدىغان پايدىمۇ كۆپ بولىدۇ.بۇ چاغدا ئۇلار خوشال بولىدۇ، سىزنىڭ نام ئابرويىڭىز بولىدۇ.ئۇلار پايدا كۆرەلىسىلا،يەنە كېلىپ سىزنى ئىزلەپ پۇل قەرىز بېرىدۇ.

 


تۆۋەندە بىز سودىدا پىشقان ماھىرلارنىڭ قانداق پۇل قەرىز ئالىدىغانلىقىنى كۆرۇپ باقايلى؛

 

 

جۇڭگونىڭ سۇ تىرانسىپورتى تارىخىدا، ئىككى نەپەر <<كىمە باشلىقى>>نىڭ ھەممىسى قەرىز ئېلىپ كىمە سېتىۋېلىپ پۇل تېپىپ باي بولغان.بىرى بولسا شاڭگاڭ قاشتېشى پادىشاھى كېمىسى،ئۇ تىجارەت باشلىغان چاغدا، دوستىدىن پۇل ئارىيەتكە ئالغان. ئۇ پۇل قەرىز ئېلىپ ئاۋال بىر كېمە سېتىۋالغان،.ئاندىن بۇ كېمە ئارقىلىق بانكىغا بېرىپ تۆۋەن ئۆسۇملۇك قەرىز ئالغان، قەرىزىنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن،يەنە بىر كېمە سېتىۋالغان ،يەنە ئىككىنچى كېمىنى ئىشلىتىپ قەرىز ئېلىپ ،ئۇچىنىچى كېمىسىنىمۇ سېتىۋالغان.ئۇ مۇشۇ خىل<< تۆۋەن ئۆسۇملۇك قەرىز ئېلىش >>ئۇسۇلىنى ئىشلىتىپ ،ئايلاندۇرۇپ تەرەققى قىلغان.
بىر قېتىم ،ئۇنىڭ قولى قۇرۇق ئەھۋال ئاستىدا.داڭلىق خۇيفىڭ بانكىسى ئۇنىڭ ئۇچۇن بىر كېمە سېتىۋالدى. ئۇ قانداق قىلىپ ئۇلارغا كېمە سېتىپ ئالغۇزالىدى؟ بىز ئۇنىڭ ئىشلەتكەن ئۇسۇلىنى ئاڭلاپ باقايلى. ئۇ بانكىغا بېرىپ ،ئامانەت قەرىز بۆلۇمىنىڭ باشلىقىغا <<باشلىق، مەن ياپونىيەدىن كىمە زاكاز قىلغانىدىم، باھاسى 100مىليون، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەن يەنە ياپونىيەدىكى بىر مال يۆتكەش ئىدارىسى بىلەن كىمە ئىجارىگە ئېلىش ھەمكارلىشىش توختامنامىسى ئىمزالىدىم .ھەر يىللىق ئىجارە ھەققى 75مىليون، مەن سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارنى ئۇمۈت قىلىمەن. سىلەر ماڭا قەرىز بېرىپ تۇرالامسىلەر ؟>>دەپتۇ.
ئامانەت قەرىز بۆلۇمىنىڭ باشلىقى <<بۇ ناھايتى ياخشى بىر ئىش ئىكەن .بىراق سىز كېپىللىك قىلىشىڭىز كىرەك>>دەپتۇ، ئۇ <<بولىدۇ، مەن ئامانەت قەرىزنامىسىنى كېپىلىككە قويۇپ قوياي>>دەپتۇ،<<ئامانەت قەزىرنامەدىگەن نىمە؟>>ئۇ دىگىنىمىز <<يۇك توشۇش شىركىتى>>ئاشۇ يەردىكى بانكىدىن چىقىرىپ بەرگەن ئامانەت قەرىز كىنىشكىسىدىن ئىبارەت. ناھايىتى تېزلا ئۇ ياپونىيەگە بېرىپ ئامانەت قەرىزنامىسىنى ئېلىپ كەپتۇ،.بانكىمۇ ئۇنىڭ قەرىز ئېلىشىغا قوشۇلۇپتۇ. سىز ئويلاپ بېقىىڭ ،كېمىنىمۇ ياسىماي تۇرۇپ ،بانكا ئۇنىڭغا پۇل بەردى. سىز چوقۇم <<بانكا نىمىشقا ئۇنىڭغا پۇل قەرىز بېرىدۇ ؟>> دەپ سورايسىز . ئۇنداقتا بىز بىرلىكتە تەھلىل قىلىپ باقايلى.

 

ئەگەر بانكا ئۇنىڭ كېمە ياسىشىغا 100مىليون پۇل بەرسە ،ھەر يىللىق كىمە ئىجارىگە بېرىش ھەققى 75مىليون، ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا،ئۇ 100مىليون قەرىزنىڭ ھەممىسىنى تۆلەپ بولالايدۇ

.
بانكا چوقۇم ئۇنىڭ پۇلنى قايتۇرماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ.ياكى باشقىچە ئەھۋال يۇز بېرىپ قەرىزنى قايتۇرالماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.شۇڭلاشقا بانكا بۇ يەردە يۇك توشۇش شىركىتىنىڭ <<ئامانەت قەرىزنامىسى >>نى كېپىلىككە ئېلىۋالىدۇ. بۇ شىركەت ئىنتايىن ئىشەنچىلىك .ئەگەر ئۇ قەرىزنى قايتۇرمىسا ،بۇ چاغدا بانكا ئاشۇ شىركەتنى ئىزدىسە بولىدۇ.بانكا شۇ شىركەتنى ئىزلەپ بىخەتەرلىك مەسىلىسدىن ئەنسىرمىسىمۇ بولىدۇ.شۇڭلاشقا بانكا ئۇنىڭغا قەرىز بېرىشكە جۇرئەت قىلالىغان.مانا بۇ ئۇنىڭ ئىشلەتكەن ئۇسۇلى. بۇ يەردە ئۇنىڭ ئىناۋېتى بار.
ئەگەر سىز قەرىز ئالسىڭىز ۋە يەنە قايتۇرۇپ بەرسىڭىز ،كىيىنكى كۈنلەردىمۇ ئاندىن باشقىلار سىز بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ.
يەنە .ھېلىقى كىمە باشلىقى خېلى جىق پۇل يىغسىمۇ،باشقا پۇل تاپقان بايلاردەك ،يىغىپ قويمايدۇ. بۇنداق قىلسا تەرەققىيات ناھايىتى ئاستا بولىدۇ،ئۇنىڭ ئۇستىگە داۋاملىق كەڭ دائىرلىك تەرەققى قىلالمايدۇ. دائىرە بولغاندا ئاندىن پايدا بولىدۇ.

 

كەڭ دائىرلىك تەرەققى قىلغاندا ئاندىن ئەڭ چوڭ ئەڭ كۈچلۇك بولغىلى بولىدۇ.ئۇ مانا مۇشۇنداق <<ئايلانما شەكىل>>دىكى <<تۆۋەن ئۆسۇملۇك قەرىز>>ئېلىپ سودا قىلىپ ،چوڭ ئوكياندا ئايلانغانسېرى چوڭىيىپ تەرەققى قىلىپ،دۇنيانىڭ سۇ تىرانسىپوت ئىشلىرىنىڭ باشلامچىسىغا ئايلانغان.



خەتكۈچلەر:
29-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    6-ئاپرېل، 11 تارماق بىرلىكتە «چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق مال سېتىۋېلىش ئىمپورت تاۋارلىرى تىزىملىكى»نى ئېلان قىلدى. ئادەتتىكى ئىستېمالچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، چەت ئەلدىن مال سېتىۋالغاندا نېمىلەرنى سېتىۋېلىش، نېمەلەرنى سېتىۋا...
02-03-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: جۇڭگودىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يىراقنى كۆرەر ئەمەس ھەمدە خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئۆلچىمى كە...
06-02-2016
         جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدى...
05-02-2016
        بۈگۈن بازار ئېچىلىغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكەچى بىر مەھەل ئۆستى، كېيىن تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %0.63 چۈشت...
05-02-2016
         چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى Flipkart قا مەبلەغ سالماقچى بولغان، ئەمما سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن Flipkart نىڭ مۆلچەر باھانى 15 مىلىيارد د...
05-02-2016
       جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى،...
05-02-2016
     ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچېكى بازىرىدىن 15 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامان بولدى . 2016-يىلى كىرگەندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا پايچې...
05-02-2016
     سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 5- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا « ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتى » 4- فىۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى كەلگۈسى 10 يىل...
05-02-2016
        خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان تېز ئۆسۈش دەۋرىگە كىردى، ئىككى كۈن ئىچىدە %99.5 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللار ئۆسۈپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنى خېلىلا سەمىرتىپ قويدى. 3- فى...
04-02-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشك...
Powered by Leglek