يەھۇدىيلار ئەقىللىكلىكى ھەم بايلىقى بىلەن دۇنياغا داڭلىق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئېچىنىشلىق چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىشتەك ئازابقا دۇچار بولغان.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاش سەۋەبلىرى بىزگە مەلۇم، لېكىن ھىتلېرنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلىش سەۋەبىنى كۆپلىگەن كىشىلەر بىلمەيدۇ، يەنە ھىتلېرنىڭ ئاتالمىش ناچار مىللىي نەزەرىيەسىنى چۈشەنمەيدۇ. بۇ مەيدان چوڭ قىرغىنچىلىق ئارقىسىدىكى ھەقىقىي سەۋەبنى تەھلىل قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ، بۇنىڭدا ئاز دېگەندە تۆۋەندىكى ئاساسلىقى ئۈچ چوڭ سەۋەب بار.
دىنلار ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىق
تارىختا قەدىمكى يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادى قۇرغان داڭلىق يەھۇدىي پادىشاھلىقى رىم ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن يىمىرىلگەن. يەھۇدىي پادىشاھلىقى يوقىتىلغان كېيىن يەھۇدىيلار ئىزچىل ھالدا سەرسان-سەرگەردان ھالغا چۈشۈپ قالغان. غەرب مەدەنىيىتىدە يەھۇدىيلار ئىزچىل چەتكە قېقىلغان. خىرىستىيان دىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان غەربلىكلەر ئىزچىل ھالدا يەھۇدىيلار ئەيسا پەيغەمبەرنى قەستلەپ كىرېستقا مىخلاپ ئۆلتۈرگەن دەپ قارايدۇ. خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان غەرب ئەللىرىدە مۇتلەق كۆپ ئادەم دىنىي ھېسسىيات جەھەتتە يەھۇدىيلارغا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدۇ.
گېرمانلار ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى كۈچلۈك مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بار مىللەت. يەھۇدىيلار ئۆزىنى «پەرۋەردىگارنىڭ تاللانغان بەندىلىرى» دەپ قارايدۇ، گېرمانلار ياۋروپاغا رەھبەرلىك قىلغىلى بىرقانچە ئەسىر بولغان، ئىلگىرى قۇرۇلغان رىم ئىمپېرىيەسى پادىشاھى پۈتكۈل خىرىستىيان دۇنياسىنىڭ بېشى بولغان. ئۆزلىرىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىغان ئىككى مىللەتنى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىككىسى خۇددى بىر تاغ ئىچىدىكى ئىككى يولۋاس.
گېرمانلارنىڭ ئىزچىل پۈتكۈل ياۋروپاغا رەھبەرلىك قىلىش ئارزۇسى بار، ئۆزىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان يەھۇدىيلارغا بولسا ئۆچمەنلىك بىلەن قارىغان. ئېتىقادى ۋە مەدەنىيەت پەرقى تۈپەيلىدىن ئىككى مىللەت ئاساسەن چىقىشالمىغان.
ئۆزگىچە تۇرمۇش ئادىتى
1918-يىلدىكى 1-دۇنيا ئۇرۇشى داۋامىدا، يەھۇدىيلار ئۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تازا بېيىپ، ياۋروپا ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى مونوپول قىلىۋالغان، چوڭ بانكا كارخانا ئىگىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن يەھۇدىيلار باشقۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ياۋروپادىكى باشقا مىللەتلەر يەھۇدىيلاردىن بىزار بولغان.
1929-يىلى پۈتكۈل ياۋروپا دۇچ كەلگەن ئىقتىساد زور دەرىجىدە خارابلىشىپ، گېرمانىيەمۇ ئىنتايىن زور زىيانغا ئۇچرىغان، شۇ چاغدا گېرمانىيە دۆلەت ئىچىدىكى پۇلدار يەھۇدىي سودىگەرلەر بولسا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىستىن ئۆتۈۋېلىشقا ياردەم بېرىشنى خالىمىغان،، ھەتتا سۈت ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغان چاغدا، يەھۇدىي سودىگەرلەر سۈتنى تۆكۈۋېتىشكە رازى بولدىكى، لېكىن باھاسىنى چۈشۈرۈپ نامراتلارغا سېتىپ بېرىشنى خالىمىغان. بۇ ئىش-ھەرىكەتلەر گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلق ئارىسىدا يەھۇدىيلارغا قارىتا ئۆچمەنلىك ھالەتنى شەكىللەندۈردى.
ئىقتىسادىي كىرىزىس
ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ تەسىرى ئاستىدا، گېرمانىيەدە ئومۇميۈزلۈك باي يەھۇدىي سودىگەرلەرگە قارىتا ئۆچمەنلىك پەيدا بولغان. ھىتلېر ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى يەھۇدىيلارغا نارازى بولغان كەيپىياتتىن پايدىلىنىپ، گېرمان مىللىتى ئېسىل مىللەت، يەھۇدىيلار بولسا ناچار مىللەت دەپ تەرغىب قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىتلېر ئىرقچىلىق نەزەرىيەسىگە قارىتا ئىككى جەھەتتىن بۇرمىلاش ئېلىپ بارغان، بىر تەرەپتىن، ھەرخىل سەپسەتىلەرنى قۇراشتۇرۇپ، ناچار ۋە ئەلا ئىرق نەزەرىيەسى توقۇغان. يەنە بىر تەرەپتىن دۆلەت ئىچىدىكى خەلقنىڭ يەھۇدىيلارغا قارىتا نارازىلىقى ۋە دىنىي دۈشمەنلىكىدىن پايدىلىنىپ ،« يەھۇدىي ۋابا» سەپسەتىسىنى تەرغىب قىلغان.
يۇقىرىقى ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ئۈچ چوڭ سەۋەبنىڭ تۈرتكىسى ئاستىدا، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەت ئىچىدىكىلەرنىڭ «ۋېرسال سۈلھى شەرتنامىسى» غا قارىتا ئۆچمەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، مىللىي قىساس كەيپىياتىنى قوزغاپ، تىغ ئۇچىنى يەھۇدىيلارغا يۆتكىگەن.
مۇشۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھىتلېر ئوڭۇشلۇق ھالدا بىر قاتار يەھۇدىيلارغا قارىتا قىرغىنچىلىقنى يولغا قويۇپ، بىر مەيدان مىللەتلەر چوڭ قىرغىنچىلىق بالايىئاپەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 11-يانۋار، داۋلارىغا جايلاشقان ھىندىستان توپچى ئەسكەرلەر ئىنىستىتۇتى مانېۋىر ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved