ماتىريال سۈرەت
قەشقەر ۋىلايەتلىك 6 – ئوتتۇرا مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوغۇللار بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ غەربىي شىمال مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، غەربىي شىمال رايونى بويىچە چېمپىيون بولدى ھەم بۇ يىل 7 – ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت بويىچە كۆپ قېتىم پۇتبول مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن قەشقەر ۋىلايەتلىك 6 – ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 2015 – يىللىق مەملىكەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوغۇللار پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ غەربىي شىمال رايونى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغان ئىدى. بۇ كوماندا 24 – مايدىن باشلاپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، چىڭخەي كوماندىسىنى 8:0 نەتىجە بىلەن، ئىچكى موڭغۇل كوماندىسىنى 3:0 نەتىجە بىلەن، گەنسۇ كوماندىسىنى 3:1 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى. 28 – ماي سەنشى شياۋيى ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىنى 2:1 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى. 30 – ماي شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، 4:0 نەتىجە بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. 31 – ماي ئىچكى موڭغۇل دالا كوماندىسى بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈپ، 2:1 نەتىجە بىلەن غەربىي شىمال رايونى بويىچە چېمپىيون بولدى. مۇسابىقىدە يەنە بۇ كوماندىنىڭ 9 – نومۇرلۇق ماھىرى ئابدۇللا ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر مۇكاپاتىغا، 22 – نومۇرلۇق ۋاراتا ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋاراتا مۇكاپاتىغا، مەشقاۋۇل ئادىل ئەڭ مۇنەۋۋەر مەشقاۋۇل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved