خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 16-مارت خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئىسپانىيەلىك فوتوگراف داۋىد لېنگېر كامبودژانىڭ Anlong Pi كەنتىگە بېرىپ، بۇ يەردىكى ئەخلەت ئىچىدە ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان.
AnlongPi كەنتى دۇنياغا داڭلىق ئاڭكورۋاتقا تەخمىنەن 30 كىلومېتىر كېلىدىغان سيېمرېئاب شەھىرى ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ كەنتتە تەخمىنەن 300 ئاھالە بار. لېكىن بۇ جاي سيېمرېئاب شەھىرىنىڭ ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش رايونى بولغاچقا، تەخمىنەن 200 ئادەمنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشى موشۇ ئەخلەتخانىدا ئۆتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 50 بالا ئىشچىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار كۈنىگە 10 سائەت خىزمەت قىلىپ، ئاران بىر ياۋرو مائاش ئالىدۇ.
داۋىد لېنگېر: دەسلەپتە بۇ كەنتكە كېلىپ پەقەت بالا ئىشچىلارنىڭ خىزمەت شارائىتى، تۇرمۇش ئەھۋالىنىلا سۈرەتكە ئېلىشنى ئويلىغان ئىدىم، لېكىن سۈرەتكە تارتىش جەريانىدا ئېسىل مېھمانسارايلاردا تۇرىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ بۇ يەرگە كېلىپ بۇ بالىلارنىڭ ‹‹ ئەخلەتخانىدىكى تۇرمۇشى ››نى ‹‹ئېكىسكۇرسىيە›› قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىشى ئەخلەتلەرنى كۈندىن كۈنگە كۆپەيتىپ، بالا ئىشچىلارنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتتى، دېگەن. كەينىدىن ئۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنى سۈرەتكە تارتىپ ئاشكارلىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved