يېقىندا شىۋېتسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «شەقىقە (باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش) نىڭ ئەڭ ئەشەددىي ‹دۈشمەن› ى يۈگۈرۈش، چۈنكى يۈگۈرۈش نېرۋا سىستېمىسىنى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك تەڭشەيدۇ. ئەگەر شەقىقە بولۇپ قالغان ئادەم ھەپتىدە ئۈچ قېتىم 40 مىنۇتتىن چېنىقسا، بولۇپمۇ يۈگۈرۈپ بەرسە، ئۇنداقتا ئۈچ ئايدىن كېيىن، ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ».
ئامېرىكىلىق نېرۋا كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرىمۇ داۋالاش ئەمەلىيىتىدىن چىقارغان يەكۈندە مۇنداق مەزمۇن بار: «بىز داۋالىغان، ئەمما دورىمۇ پايدا قىلمىغان 16 ئاغرىق ئالتە ئايدىن ئىككى يىلغىچە ئاستا يۈگۈرۈپ چېنىقىپ بەرگەندىن كېيىن، ئاخىر شەقىقە كېسىلىنى بويسۇندۇردى. ئۇلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولۇپلا قالماستىن، يەنە دورا قۇتىسىنىڭ چەكلىمىسىدىن ئازاد بولدى».
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved