جەنۇب تەرەپ تورى خەۋىرى تورى تەرجىمىسى
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئىراق ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى شۇ يەر ۋاقتى 2 - چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : شۇ كۈنى 16 نەپەر تۈركىيەلىك ئىشچى ۋە قۇرۇلۇش ئىنژىنىرى باغداتنىڭ شەرقىي قىسمىدا بىر توپ ئۇچىسىغا قارا ھەربىي فورما كىيگەن ،نىقابلىنىۋالغان قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان . دوكلاتتا دېيىلىشىچە , ئەمەلدار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : بۇ 16 نەپەر تۈركىيەلىك شۇ يەرلىك بىر تۈركىيە قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى بۇلۇپ، ئۇلار باغداتنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بىر شەھەردە بىر تەنتەربىيە مەركىزى قۇرۇشقا مەسئۇل ئىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، بۇ قوراللىق كشىىلەر 2-چېسىلا سەھەردە تۇيۇقسىز قۇرۇلۇش مەيدانىغا بۆسۈپ كىرىپ ھۇجۇم قىلغان . شۇ چاغدا بۇ ئىشچىلار ۋە ئىنژىنىرلار قاتتىق ئۇخلاۋاتقان ئىكەن . قوراللىق ئۇنسۇرلار ئۇلار نى ، ئايرىـم - ئايرىم بىرنەچچە SUV غا چىقرىىپ نەق مەيداندىن ئايرىلغان.
خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ساقچى دائىرىلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، بۇ ئۇنسۇرلارنىڭ سالاھىيتى ۋە مەقسەت مۇددىئاسىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى مەلۇم قىلغان .
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved