شىنجاڭ سەھەر گېزىتى خەۋىرى : 17-مايدىن 18-مايغىچە، ئۈرۈمچىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ھۆل - يىغىن مىقدارى 15.3 مىللىمېتىرغا يەتكەن، بۇ قېتىمقى يامغۇر ئاساسلىقى كەچتە ياغقان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈشىگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمىگەن. 19-ماي، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېپمېراتۇرا ℃23 قا چىققان.
ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مۇلازىمەت ئەزاسى دوۋ شىنيىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹17-ماي سائەت 10:00 لار ئەتراپىدا، ئىلى دەريا ۋادىسىدا يامغۇر ياغدى، ئارقىدىن تەڭرىتاغ بويلىرىدا يامغۇر يېغىپ، 18-ماي سائەت 17:00 گىچە، بۇغدا كۆلىدە 49.9 مىللىمېتىر قاتتىق يامغۇر يېغىپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى ئەڭ چوڭ رايون بولۇپ قالدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 19-ماي ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ كېيىن ئېچىلىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېپمېراتۇرا ℃23 بولىدىكەن. كېيىنكى بىر نەچچە كۈندە، تېپمېراتۇرا تەدرىجى ئۆرلەيدىكەن، بىراق بەك ئىسسىق بولمايدىكەن . 23-ماي ( شەنبە ) ئۆتكۈنچى يامغۇر يېغىپ، تېپمېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ.
دوۋ شىنيىڭ ئېيتىشىچە: ‹‹ 20-مايغا كەلگەندە، پۈتۈن شىنجاڭدا ھۆل-يىغىنلىق ھاۋارايى ئاساسەن ئاخىرلىشىپ، قومۇلنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئانچە كۈچلۈك بولمىغان بوران-چاپقۇن كۆرۈلىدىكەن. 18 -ماي كېچىدىن 20-ماي كۈندۈزگىچە تۇرپان، قومۇل قاتارلىق رايونلارنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن.
![]() |
يېقىندا شوتلاندىيىنىڭ سىتىرلىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر مال سېتىۋىلىشقا بېرىش يولىدا تۈكلۈك قۇرتلار توقۇۋالغان غايەت زور تورنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇ كۆرۈنۈش ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم ھەيران ...
|
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved