بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىدە NeuroGaming ئويۇن يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق ئويۇن يەرمەنكىسىنىڭ باش تېمىسى مەۋھۈم رېئاللىق تېخنىكىسىنىڭ ئېلىكترونلۇق ئويۇن ساھەسىدە قوللىنىلىشى بولۇپ، كىشىلەرگە مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى قانداق ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. بۇ يەرمەنكىنىڭ يەنە بىر ئاساسىي تېمىسى ئويۇن ۋە ئادەم مېڭىسىنىڭ بىۋاستە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى بولۇپ،تەتقىقاتچىلار ئالاھىدە ئۈسكۈنە ئارقىلىق ئادەمنىڭ مېڭە دولقۇنىنى سىكانلاپ شۇ ئارقىلىق ئادەمنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى ۋە كومپىيۇتېرغا نېمە بۇيرۇق چۈشۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدىكەن. ئويۇن ئىشلەپ چىقارغۇچىلار بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ كۇنۇپكا مائۇس ياكى رول ئىشلەتمەي بىۋاستە كاللا بىلەنلا ئوينىغىلى بولىدىغان ئويۇن ياساپ چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
ئەگەر بۇ تېخنىكا پىشىپ يېتىلسە، مېڭە دولقۇنى ئارقىلىق كومپىيۇتېرنى كونتىرول قىلىش تېخىكىسى ۋە مەۋھۇم رېئاللىق تېخنىكىسى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلسە، بۇ تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ ئىشلەپ چىقىرىلغان ئويۇنلار ۋە باشقا مەھسۇلاتلار مىكروسوفتنىڭ مەۋھۇم رېئاللىق كۆزئەينىكى ۋە ۋىندوۋس 10 سېستىمىسىغا ئەگىشىپ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرسە، بىز بۇرۇن فانتازىيىلىك كىنولاردا كۆرگەن ئۆيدىكى كومپىيۇتېر ۋە باشقا بارلىق ئېلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى گېپىمىزنى ئاڭلايدىغان قول ئىشارىمىزنى چۈشىنىدىغان ۋە پولات ئەزمەت فىلىمىدىكى كومپىيۇتېردىكى كۆرۈنۈشلەر كىچىككىنە تۆت چاسا ئېكراننىڭ ئىچىدە كۆرسىتىلمەستىن بەلكى پۈتۈن ئۆينىڭ ئىچىدە ئۈچ ئۆلچەملىك ھالەتتە كۆرۈنىدىغان، شۇ ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشلەرنى قول ۋە ئوي پىكىر ئارقىلىق كونتىرول قىلىپ خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان "فانتازىيىلىك" كۈنلەر ناھايىتى تېزلا رېئاللىقققا ئايلىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved