خان مادرىد كۇلۇبىنىڭ ئاق رەڭلىك مۇسابىقە كىيىمىنى كەيگەندىن باشلاپ كىرىستىيانو رونالدو بارسېلونا بىلەن ئوينالغان بارلىق مۇسابىقىلەردە جەمئىي 12 توپ كىرگۈزگەن. بۇنىڭ ئىچىدە تۆت توپ بىرلەشمە مۇسابىقدە كىرگۈزۈلگەن. بەش توپ ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە كىرگۈزۈلگەن.ئۈچ توپ ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە كىرگۈزۈلگەن. پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپاننىڭ كىرگۈزگەن توپى ئىسپانىيە دېربىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان قىسمى.
بارسېلونا كۇلۇبى رونالدو تەرىپىدىن ئەڭ كۆپ توپ يېگەن كوماندىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئىككى تەرەپنىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە پەقەت رونالدو توپ كىرگۈزەلىسىلا خان مادرىد كۇلۇبى مەغلۇپ بولماسلىقتەك ئالاھىدىلىكنى ساقلاپ كەلگەن. رونالدو تۇنجى قېتىم خان مادرىد توپچىسى سۈپىتىدە بارسېلونانىڭ ۋاراتارىغا توپ كىرگۈزگەن ۋاقىت بولسا2010-2011 مۇسابىقە پەسلى. ئۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى كوماندا تەڭلىشىپ قالغان.
2012-يىلى 6 مەيدان مۇسابىقىدە 7 توپ كىرگۈزگەن.
2012-يىلى بولسا بۇ ئىككى كوماندا تۇتۇشقان قېتىم سانى ئەڭ كۆپ بىر يىل بولغان. ئىككى تەرەپ بۇ مۇسابىكە پەسلىدە ئالدى كەينى بۇلۇپ جەمئىي ئالتە قېتىم تۇتۇشقان. بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئىككى قېتىم، ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈككە كىرىش ھەپ قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئىككى قېتىم، ئۇنىڭدىن باشقا ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىىسىدىمۇ ئىككى قېتىم تۇتۇشقان، ئاخىرىدا خان مادرىد كۇلۇبى غەلبە قىلغان. بۇ ئالتە مەيدان مۇسابىقىدە كىرىستىيانو رونالدو جەمئىي يەتتە توپ كىرگۈزگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان مۇسابىقە بولسا ئىككى تەرەپنىڭ بىرلەشمىدىكى مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق تۇتۇشۇشى بولۇپ رونالدو بۇ مۇسابىقىدەئىككى توپ كىرگۈزگەن.
خان مادرىد ھەۋەسكارلار كۇلۇبى تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved