تەپتىش مەھكىمىسدىكى يالغانچىلىقنى ئۆلچەش ئۇستىسى: مۇئاۋىن بازار باشلىقى يالغانچىلقنى ئۆلچەش ئەسۋابىنى كۆرۈپ شۇئان يەرگە تىزلاندى

سىرلىق يالغانچىلىقنى ئۆلچەش ئۇستىسى نەچچە قېتىم يالغانچىلىقنى ئۆلچەشنى قۇبۇل قىلغۇچىلار بىلەن پىسخىكا ئۇرشى ئېلىپ بارىدۇ؛ توي خېتى ئىشلىرنى بىجرىش ئورنىدىكى خادىممۇ شەھەر ئىچى -سىرتىدىكى ساختا ھىسسىياتقا تولغان توي قىلىش  ۋە ئاجرىشىش ئىشلىرىنى كۆرىۋەرسە ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ، قاماقخانىغا قارايدىغان ئايال ساقچىمۇ ئېگىز تام ئۈستىدە تۇرۇپ باشقىچە بىر جەمئىيەت مەنزىرسىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. 

ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ، يالغانچىلىقنى ئۆلچەش ئۇستىسى، ئاجرىشىشقا تىزىملاش خادىمى ،قاماقخانا باشقۇرغۇچىسى .......قاتارلىقلارنىڭ خىزمىتى تۇلىمۇ ئالاھىدە كۆرنىدۇ. 

يەنە بىر قېتىملىق ئەمگەكچىلەر بايرىمى يىتىپ  كىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ، بىز مۇشۇ ئالاھىدە كەسىپ ساھەسىدىكى خادىملارغا يېقىنلىشىپ بىرلىكتە ئۇلارنىڭ كۆزىدىكى سىرلىق ئۆزگۈرۈشچان دۇنيانى تۇنۇپ چىقايلى . 

بۇ يىلقى باھارنىڭ ھاۋا ئوچۇق بىر كۈنى جىڭجۇ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسنىڭ 5-قەۋتىدىكى بىر ئىشخانىدا يېشى 50 تىن ھالقىغان يالغانچىلقنى ئۆلچەش ئۇستىسى ۋاڭجىجۈن كومپىيوتىرنى ئېچىپ يالغانچىلقىنى ئۆلچەشكە دائىر سۈرەتلەرنى ۋاراقلاۋاتاتتى ، بىۋاستە سۆز ئارقىلىق يالغانچىلقنى ئۆلچەش ئۇنچە سىزلىق ئەمەس بۇلۇپ ،‹‹پەقەتلا بىر خىل پىسخىكا سىنىقى بۇلۇپ ، بەزى ۋاقىتتا يالغانچىلىقنى ئۆلچەشنى قۇبۇل قىلغۇچى بىلەن ئەقىل ۋە تۇرمۇش تەجرىبىسى سىنقىغا دۇچ كىلىدۇ.››

ئۆتكەن 10 يىلدا ، ۋاڭجىجۈن بىلەن ۇالغانچىلىقنى ئۆلچەش ئەسۋابى بىرلىكتە يالغانچىلقنى ئۆلچەشكە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان ھەرخىل كىشلەر بىلەن قول ئېلىشىپ بولدى. گەرچە بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسى ساپاسىدا پەرىق مەۋجۇت بولسىمۇ  لىكىن باشقىلارنى ئالدىيالىسىمۇ ئۆزىنى ئالدىيالمىغان.

ئەڭ دەسلەپ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغاندا بىر بازار باشلىقى يالغانچىلىقنى ئۆلچەش ئەسۋابىنى كۆرۈپلا شۇ زامان تىزلانغان

ۋاڭجىجۈن 2004-يىلى جىڭجۇ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسگە كەلگەن. شۇ يىلى ئۇ يالغانچىلقنى ئۆلچەشنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى تۇنۇپ يەتكەن. 

ئاشۇ ۋاقىتتا ، جىڭجۇ لاۋياچېندا بىر ئەنزە يۈز بەرگەن بۇلۇپ ، بىر كەنىتتكى سانائەت تۈرى تۇربا سۈيى كىلدىغان تۇربا تورىغا چېتىشلىق بۇلۇپ قالغان. سانائەت تۈرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرلىشى ئۈچۈن كەنىت مۇدىرى ۋە يۇقرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن بازار باشلىقى جىڭجۇ شەھەرلىك تۇربا سۈيى شىركىتىگى بېرىپ ‹‹خىزمەت ئىشلىگەن››. ئىككەيلەن مەسلىھەتلىشىپ تۇربا سۈيى شىركىتىدىكى بىر ئىنتىزام ھەيئىتى سېكىرتارىغا 200 مىڭ يۈئەن ‹‹ئاممىۋى مۇناسىۋەت ھەققى ›› ئاپىرىپ بەرمەكچى بولغان. 

پۇل ئاپرىپ بېرلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىش مەغلۇپ بولغان. لىكىن ھېلقى ئىنتىزام ھەيئىتى سېكىرتارى ئۆزىنىڭ 200مىڭ يۈئەن ئالغانلىقىنى ئېتراپ قىلمىغان، يالغانچىلقنى ئۆلچەش نەتىجىسمۇ بۇ سېكىرتارنىڭ يالغان سۆزلىمگەنلىكىنى كۆرسەتكەن. 

كەنىت مۇدىرنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا 200مىڭ يۈئەننى ئىنتىزام ھەيئىتى سېكىرتارىنىڭ قىزىغا بەرگەن بۇلۇپ ، ئەينى ۋاقىتتا ئادەمنى ئىزدەپ بارغاندا بىر قىز كىلىپ مۇئاۋىن بازار باشلىقى بىلەن بىر دەم پاراڭلاشقان ئىكەن، ئاندىن ھېلقى 200مىڭ يۈئەننى ئېلىپ كەتكەن. 

لىكىن ھېلقى ئىنتىزام ھەيئىتى سېكىرتارنىڭ قىزىمۇ ئۆزنىڭ بۇ پۇلنى ئالغانلىقىنى ئېتراپ قىلمىغان ھەمدە يالغانچىلىقنى ئۆلچەش نەتىجىسمۇ ئۇنىڭ ئالمىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. 

ئەڭ ئاخىرىدا ئەنزە بىجىرگۈچى خادىم مۇئاۋىن بازار باشلىقىنى پىسخىكا سىنىقى ئۆيىگە چاقىرغاندىن كىيىن، ۋاڭجىجۈنندە ئۇنتۇلماس ئەسلىمە قالدۇرغان مەنزىرە كۆرۈنگەن  : يالغانچىلىقنى ئۆلچەش ئەسۋابىغا يۈزلەنگەندە ، مۇئاۋىن بازار باشلىقى شۇئان تىزلىنىپ ئىشنىڭ  ھەقىقي ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەرگەن: ئۇ 200 مىڭ يۈئەن ھەقىقەتەن ئىنتىزام  ھەيئىتى سېكىرتارىغا بېرىلمىگەن بۇلۇپ بەلكى ئۆزى يۈتۋالغان ئىكەن. ئۇ ھېلقى قىزنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ ئويۇن ئويناپ 200 مىڭ يۈئەننى ئۆز يانچۇقىغا سالغان ئىكەن. 

ئەمىليەتتە يالغانچىلىقنى ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ سىرىتقى كۆرنىشى ھېچقانداق غەيرى ئەمەس بۇلۇپ پەقەتلا بىر دىتال قاچلانغان كومپىيوتىر بۇلۇپ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۆپلىگەن ئادەم بەدىنى بىلەن تۇتاشتۇردىغان سىم بار ئىكەن. 

ۋاڭجىجۈننىڭ تۇنۇشتۇرىشچە، يالغانچىلىقنى ئۆلچىگەن ۋاقىتتا، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ تىنىقى ۋە تومۇر سوقۇشى تەرەپتىكى ئۆزگۈرۈش ئەھۋاللىرىنى خاتىرلەيدىغان بۇلۇپ،يالغانچىلقنى ئۆلچەشنى قۇبۇل قىلغۇچى بەزى سۇئاللارغا پەقەتلا ‹‹ھە ›› ياكى ‹‹ياق›› دەپ جاۋاب بىردىكەن. 

ئادەم يالغان گەپ قىلغان ۋاقىتتا بەزى بىر ئىنچىكە فېزلوگىيەلىك ئۆزگۈرۈش يۈز بىردىكەن مەسلەن : تېرىنىڭ قارشىلىقى ، تىنىق ، تومۇر، قان بېىسمى قاتارلىقلار، يالغانچىلىقنى ئۆلچەش ئەسۋابى مۇشۇ ئىنچىكە ئۆزگۈرۈشلەرنى ئۆلچەپ چىقدىكەن. 

ۋاڭجىجۈن ئىلگىرى بىر نەچچە يالغانچىلقنى ئۆلچەشنى پىسەنتىگە ئېلىپ كەتمەيدىغان كىشىلەرنى ئۇچراتقان. بەزى ۋاقىتتا ۋاڭجىجۈن قارشى تەرەپنى 1دىن 10 غىچە بولغان سانلارنىڭ ئارىسىدىن خالىغان بىرسىنى تاللاتقۇزۇپ سۇئال سوراشنى باشلايدىكەن. 

‹‹سېنىڭ تاللىغىنىڭ 3 مۇ ؟5 مۇ  ؟8 مۇ ؟›› مۇشۇ سانلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسىنى سورىغاندا ، ئەگەر يالغانچىلقنى ئۆلچەشنى قۇبۇل قىلغۇچى بىر ساننى كۆڭلىدە تاللاپ ئېغزىدا رەت قىلۋەتكەندە ئۆلچەش ئىكرانىدىكى ئەگرى سىزىقتىكى دولقۇنسىمان ئۆزگۈرۈش چوڭ بۇلدىكەن. 

مۇشۇنداق بولغاندا ، ۋاڭجىجۈن ئاسانلا قارشى تەرەپنىڭ قايسى ساننى تاللىغانلىقىنى بىلۋالالايدىكەن. بۇ كىچىك ئۆلچەش گەرچە رەسمىي ئۆلچەش بولمىسمۇ بىراق مەسىلە بار بولغان ئۆلچەشنى قۇبۇل  قىلغۇچىلارنى خۇدۇكلەشتۈرۈپ قورقۇنۇچ پەيدا قىلدىكەن، يەنە ھەم گۇناھسىز كىشلەرنىمۇ ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ ئاخىرغىچە چىداپ ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ئىسپاتلايدىكەن. ‹‹ ھەممە ئادەم قىلىپ باققان ئىشىدىن چۇقۇم ئىز قالدۇرۇپ قۇيىدۇ، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ، باشقىلارنى ئالدىيالايدۇ، ئەمما مەڭگۈ ئۆزىنى ئالدىيالمايدۇ.›› 

ئادەم ئۆزىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىغان ۋاقىتتا ئىككى خىل ھالەت بۇلىدۇ: بىرى مەسئۇل بۇلۇش ، يەنە بىرى ھۇجۇم قىلىش. ۋاڭجىجۈن ئىككىنجى خىل ئەھۋالغىمۇ ئۇچراپ باققان. 

مەلۇم بىر يىلى ، ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتى  بىر ئەنزىنى بىجىرىش جەريانىدا ، ئۆلكە ئىچىدىكى مەلۇم سانائەت ئىنىستىتوتىنىڭ بىر نەپەر سېكىرتارى ھارام پۇل ئالغان دەپ ئەيىبلەنگەن ، بۇ سېكىرتار ھەرقايسى تەرەپنىڭ تەكشۈرشىگە ئوخشاشلا ئۆزنىڭ بۇ پۇلنى ئالمىغانلىقىنى، ھەمدە پۇلنى ئۆزىگە پارا بەرمەكچى بولغۇچىغا قايتۇرۋەتكەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۋالغان. بىراق پارا بەرگۈچى ئېنىق جەزىملەشتۈرۈپ ئۆزى بەرگەن بۇ پۇلنىڭ قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى ئېيتقان. بىر نەچچە قېتىملىق تالاش -تارتىشتىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر ھەرئىككى تەرەپنى يالغانچىلقنى ئۆلچەشكە ئورۇنلاشتۇرغان  . 

تەكشۈرۈش نەتىجىسگە ئاساسەن ۋاڭجىجۈن ھېلقى سېكىرتارغا :‹‹سەن يالغان گەپ قىلدىڭ ›› دىگەن. 

بۇ سېكىرتارنىڭ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرشىنى  پەيدا قىلىپ كەيپىياتى قاتتىق ھاياجانلىنىپ كەتكەن سېكىرتار قايتا -قايتا يالغانچىلقنى ئۆلچەش ئادەمنى ئالداش دەپ توۋلىغان. 

ۋاڭجىجۈن ئۆلچەپ چىققان سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلىپ سېكىرتارغا كۆرسەتكەندە ، ئۇ كۆرگىلى ئۇنماي ئۆزىنىڭ كۆرۈپ چۈشنەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، ۋاڭجىجۈننىڭ تۇنۇشى بۇيىچە، ئادەمنىڭ ئېغىزى باشقىلارنى ئالدىيالايدۇ، ئەمما فېزلوگىيەلىك ئىنكاسىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ھەقىقىي . 

ئەڭ يۇقىرى تەپتىشنىڭ بىكتكىنى بۇيىچە ، مەملىكىتمىزدە يالغانچىلقنى ئۆلچەش نەتىجىسنى ئىسپات قىلىپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما يالغانچىلقنى ئۆلچەش نەتىجىسى كۆپلىگەن ئەھۋاللاردا دېلو بىر تەرەپ قىلىشقا كۆپ پايدىسى تىگدىغان بۇلۇپ ئىسپاتقا ھۆكۈم چىقىرىش ، تەكشۈرۈش نىشانىنى بىكتىش ، ئادەم كۈچى ۋە ماددى كۈچنى  تېجەش قاتارلىق قولايلىقلارنى ئېلىپ كىلدىكەن. 

يالغانچىلقنى ئۆلچەش توغرىسىدا 

1 . 2005-يىلى يالغانچىلقنى ئۆلچەش جىڭجۇ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەرپىدىن قوللىنىلغان. 

2.ئۆلچەشنى قۇبۇل قىلغۇچى پەقەت ھە ياكى ياق دەپلا جاۋاب بىرىدۇ، جاۋاب بەرمىگەن تەقدىردىمۇ پەقەت پىسخولوگىيلىك ھەركەت بولسىلا يالغانچىلقنى ئۆلچەش ئەسۋابى يەنىلا سان-سېپىرلارنى يىغالايدۇ. 

3.ئەقىلىي ئىقتىدارى يۇقىرى كىشىلەرمۇ يالغانچىلقنى ئۆلچەشكە قارشى تۇرالمايدۇ، بىراق يالغانچىلقنى ئۆلچەش بەلكىم ئالاھىدە مەشىقلەندۈرۈلگەن خادىم ئالدىدا كارغا كەلمەسلىكى مۇمكىن. 

4.ئۆلچەش نەتىجىسى ٪100 توغرا بۇلشى ناتايىن، بەزىدە ئۆلچەشنى قۇبۇل قىلغۇچىنىڭ بەدەن سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. 

بۇيىل 51 ياشقا كىرگەن ۋاڭجىجۈن چېرىكلىككە قارشى خىزمەت قىلىپ باققان، رازۋېدكا ماھارەتلىرنى چۈشنىدۇ، بۈگۈنگە كەلگەندە يالغانچىلىقنى ئۆلچەش ئۇنىڭ بىردىنبىر خىزمىتى ئەمەس. ئۇنىڭ سەممىيلىك  بىلەن ئېيتىشىچە، يالغانچىلقنى ئۆلچەش ھەرگىزمۇ ئۇنچە سىرلىق خىزمەت بولماستىن پەقەتلا رازۋېدكا قىلىپ تەكشۈرۈشنىڭ بىر خىل قۇشۇمچە ئۇسۇلى ئىكەن. 

ۋاڭجىجۈن يالغانچىلقنى ئۆلچەش خىزمىتىنى ياخشى كۆردىغان بۇلۇپ ، ئۇنىڭ قارشىچە، بۇنىڭدا باشقىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئىگەللىگلى بۇلدىكەن. 

ۋاڭجىجۈن مۇنداق دەيدۇ:‹‹ كىچىك بالىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا دائىم كۆپ ئازادە بۇلىدۇ، چۈنكى كىچىك بالا يالغان سۆزلىمەيدۇ،  ھەم سىزنىڭ يالغان سۆزلىگەن - سۆزلىمگەنلىكىڭىزنىمۇ بىلمەيدۇ. سىز مەلۇم ياشقا بارغاندا . بەلگىلىك جەمئىيەت تەجرىبىسى شەكىللىنىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا سىز يالغان ياكى راستلىقىنى ئاڭلاپ بىلەلەيسىز ، سىزمۇ ئوخشاشلا كىم يالغان سۆزلىدى كىم راست سۆزلىدى ئايرىپ چىقالايسىز ›› يالغانچىلقنى ئۆلچەش بولسا ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم چىقرىشنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇپ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىدۇر . 

 



22-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
03-05-2016
    2008- يىلىدىكىگە ئوخشاش، ئامېرىكا بەك كۆپ خەجلىۋەتتى ھەمدە بەك كۆپ قەرز ئالدى؛ ئىشلەپچىقىرىلمىلار تولىمۇ ئاز، ئامانەت پۇلىمۇ ئاز. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى 2009- يىلى ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى يار...
02-05-2016
    ئېكۋادوردا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق 4- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىك ئاستىدىن 72 ياشقا كىر...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سار...
30-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
30-04-2016
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
29-04-2016
     جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر جىنلۇڭ كەنتىدىكى بىر پارچە 3D سترېئولۇق رەسىم ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كەنتى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، 442 كورپۇ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
27-04-2016
2016-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى رۇڭشىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك بىنانىڭ سىرتقى تام گەۋدىسىدىكى تام چاپلاقلىرى  چۈشۈپ كېتىپ ئولتۇراق رايون ئاھالىلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. ...
26-04-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ئاپرېل، ئۇكرائىنانىڭ سىلاۋۇتىچې شەھىرىدە خەلق ئاممىسى تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، چىرنوبىلدا يادرو ۋەقەسىدە قاز قىلغانلارنى خاتىرىلىگەن. 1986-يىلى 26-ئاپرېل، كىيېۋ شەھىرىنىڭ شىمالىغا 13...
Powered by Leglek