رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 1- ئاينىڭ 31- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە مىڭ نارازىلىق بىلدۈرگۈچى شۇ كۈنى بارسېلونادىكى سانكاۋبىتى مەيدانىغا يىغىلىپ، كاتالونىيەينىڭ ئىسپانىيەدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا قارشى تۇرىغان.
بارسېلونا رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر « ئىسپانىيە ياشىسۇن »، « كاتالونىيە ياشىسۇن »، « مۇستەققىل بولۇشقا بولمايدۇ »، « ياۋروپا ئىتتپاقى مەغلۇب بولمايدۇ »، بىز بېلەت تاشلاپ باققان، بىز مەغلۇب بولدۇق دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرشىۋېلىپ نامايىش قىلغان. كۈچ كۆرسەتكۈچىلەر ئارىسىدا يەنە ئىسپانىيەلىك نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر، كاتالونىيە ئاممىسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلار مەركىزى مەيداننى ئىگىلىۋالغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى كاتالونىيە گىراژدانلىرى جەمئىيىتى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات كاتالونىيەنىڭ مۇستەققىل بولۇشىغا قارشى تۇرۇپ، كاتالونىيەنىڭ ئىسپانىيەنىڭ باشقا رايونلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئەنگىلىيە ۋىتنىي، شۇ كۈنى ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى كامىرون ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشكە قارشى تۇرۇش يىغىلىشى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved