فىلىپپىن ئاممىسى نامايىش قىلىپ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى

 بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .

مۈرىنى -مۈرىگە تېرەش بىرلەشمە مانېۋىرى فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكىنىڭ دائىملىق يىللىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ،بۇ يىلقىسى 30-قېتىملىقى .بۇ قېتىمقى مانېۋېر 5-مايدىن باشلاپ 13-مايغىچە داۋاملىشىدۇ ،ئىككى تەرەپتىن تەخمىنەن 5500يېقىن ئادەم مانېۋىرغا قاتنىشىدۇ ،مانېۋرنىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپرەك ئۇنىڭ ئۈستىگە ،بۇ قېتىمقى مانېۋېر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى يېقىندا فېلىپپىندا زىيارەت قىلغاندا ، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن مۇداپىئەنى كۈچەيتىش كېلىشىمنى ئىمزالىغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋېر .


 5-ماي چۈشتىن بۇرۇن بۇ مانېۋرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى فىلىپپىننىڭ پايتەختى مانىلانىڭ ئاگىنالدو بارىسىدا يەنە فىلىپپىن قوراللىق قىسىم باش شىتابىدا ئۆتكۈزۈلدى ،ئىككى تەرەپ مانېۋرنىڭ مەزمۇنى ۋە ئورنىنى ئېلان قىلدى . بۇنىڭ ئىچىدە ئېلىمىزنىڭ خۇاڭيەن ئارىلىغا يېقىنراق ئوزۇن ئارىلىمۇ بار ،زامبالىس ئۆلكىسى دېڭىز ئۈستى نازارەت ئۈسكۈنىلىرىنى نازارەت قىلىش ،ماگىس قەلئەسى قاتارلىق جايلاردا ئەمەلىي ئۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش ،كلارىك ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ھاۋا ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق تۈرلەر بار . بۇنىڭدىن باشقا بۇلتۇر ‹بورانقۇش ›ناملىق تەيفىڭ بورىنىنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان تاكلوباندا ئامېرىكا فىلىپپىن بىرلەشمە قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ .

شەھەردە قۇتقۇزۇش ياردەم بېرىش مانىۋرې سىبودا ئۆتكۈزىلىدۇ ،بۇ يىلقى ھەربىي مانېۋىرغا ئامېرىكا ئارمىيىسى 2500ئەسكەر فىلىپپىن 3000ئەسكەر چىقارد ى ،ئىككىلى تەرەپ مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانى ،پاراخوت قاتارلىق تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىمىدى ،ئەمما خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە ،ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ F18بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا قاتنىشىدىكەن ،فىلىپپىن ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ،بۇ يىلقى مۇھىم نۇقتا دېڭىز ئىشلىرى بىخەتەرلىكى توغرىسىدا مانېۋېر قىلىش ،ئىككى دۆلەت فېلىپپىنىڭ يۇشۇرۇن خىرسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش بۇلۇپ ، بۇ كىرزىس ئاساسلىقى تەبئىي ئاپەت تەرىپىنى ئالغان .ئەمما تارتقۇلار بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋېر ئەمەلىيەتتە ئاتالمىش جەنۇبىي دېڭىز تالاش -تارتىشىنمۇ كۆزلىگەن دەپ كۆرسەتتى .


فېلىپپىننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھەربىي مانېۋرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئاتالمىش رايون ۋەزىيىتى ئۇدا كەسكىن بۇلۇش ئۈستىدە تەپسىلىي توختىتىلىپ ،ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرلىك ھەرىكەت رايون تىنچىقلىقىغا تەھدىت ئېلىپ كەلدى دەپ كۆرسەتتى .يېقىنقى يىللاردا ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونىنىڭ ۋەزىيىتى كەسكىن بۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ .

بۇنىڭدىكى سەۋەب ئالاقىدار قانۇندىكى دېڭىز ئوكيان ۋە زىمىن تەشەببۇسىغا ھەدىدىن زىيادە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەر ،بۇلارنىڭ ھەممىسى رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەھدىت ئېلىپ كەلدى .بەز تەھلىللەردە ،ئامېرىكا فېلىپپىندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۆپەيتىشتە فېلىپپىننىڭ جۇغراپىيلىك ،ئىستىراتېگىيىلىك ئورنىنى كۆزلىگەن ،ئاسىيا تىنىچ ئوكيان رايونىغا قايتىش جەريانىدا ،تىنىچ ئوكياندا تېخىمۇ كۆپ تەرتىپ بوشلۇقىغا ئېرىشىشنى كۆزلىگەن دېيىلدى . ئەمما فېلىپپىننىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئىشلار ياردىمى ھەمدە قورال كۈچى بىلەن قوللىشى ،ئىككى تەرەپ ھۆكۈمىتى ئۆز ئالدىغا چوت سوقتى .ئەمما نۇرغۇن فېلىپپىنلىق ئامما بۇنىڭغا نارازى بولدى .


  5-ماي ئۆتكۈزۈلگەن مۈرىنى مۈرىگە تېرەش مانېۋىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاگىنالدو ھەربىي بازىسىنىڭ سىرتىغا نۇرغۇن فېلىپپىنلىق يىغىلىپ ،نارازىلىق بىلدۈرۈپ ،ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى .نامايىشچىلاردىن بىرى مۇنداق دېدى :‹ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ناۋادا جۇڭگو بىلەن فىلىپپىن ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرسە ،فېلىپپىنغا چوقۇم ياردەم قىلىمىز دەپ ۋەدە بەرمىدى .ئۇنداقتا بۇ ھەربىي مانېۋرنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار ؟بۇنىڭ فېلىپپىنغا زەررىچىلىك پايدىسى تەگمەيدۇ .ھەممىسى ئامېرىكا ئۆز مەنپەتنى ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئىشلار ›.

نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ قارىشىچە ، مەيلى يېڭى باشلانغان مۈرىنى مۈرىگە تېرەش ھەربىي مانېۋىرى بولسۇن ياكى ئالدىنقى ئايدا ئىمزالىغان فىلىپپىن ئامېرىكا مۇداپىئەنى كۈچەيتىش ھەمكارلىق كېلىشىمى بولسۇن ،ئامېرىكىلىقلارنىڭ قولىدىن فىلىپپىن ھېچنىېمىگە ئېرىشەلمەيدىكەن .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
07-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek