دۇنيا سودا تەشكىلاتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان بۇ تەشكىلاتنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن 10-ئىيۇن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش سۆھبىتىنى تاماملىغان؛قازاقىستان دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشكە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى 22-ئىيۇن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدىكەن، ئارقىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتى باش كېڭىشىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنىدىكەن.
دۇنيا سودا تەشكىلاتى مۇنداق دېدى: قازاقىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش سۆھبىتىنىڭ مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇشى ئۇنىڭ ياۋروپا ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلىك سالاھىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى قازاقىستاننىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش سۆھبىتىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك پەيت دېدى. قازاقىستان 1996-يىلى 1-ئايدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشكە ئىلتىماس سۇنغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved