ئامېرىكا odditycentral تورىنىڭ 29 – ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىلىق ئەر ۋىللىئام ھېنرى شىمىد 32 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئۆزى يالغۇز 2087 ئېنگلىز چىسى (تەخمىنەن 636 مېتىر) كېلىدىغان تۇنېلنى قېزىپ چىققان. بۇ تۇنېل كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى موجاۋى قۇملۇقىدىكى مىس تاغقا جايلاشقان. ھېچكىم شىمىدنىڭ بۇ تۇنېلنى قەيەرگىچە تۇتاشتۇرۇپ قازىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن، بۇنى قېزىشتىكى سەۋەبى توغرىسىدىمۇ نۇرغۇن قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئىگىلىنىشىچە، 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، سالامەتلىكىنى ئويلاشقان شىمىدلار كالىفورنىيەگە كۆچۈپ كەلگەن. 1902 – يىلى ئۇ كان ئېچىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان رايوندا تۇنېل قېزىشقا باشلاپ، ئۆزى تەنھا 32 يىل ئىشلىگەن، شۇنداقلا بۇ تۇنېلىنى قېزىش جەريانى ناھايىتى مۇشەققەتلىك بولغان.
ھازىرغا كەلگەندە شىمىد تۇنېلى يەرلىكنىڭ ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلانغان. ساياھەتچىلەر 30 مىنۇت ئىچىدە پۈتۈن مۇساپىنى مېڭىپ بولالايدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved