يەر شارى خەۋەر تورى 14-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىنىڭ داڭلىق تېلېفون-تېلېگراف ئالاقىسى شىركىتى Verizon، سىفىرلىق نەشىرياتچىلىق شىركىتى AOL نى 4.4 مىليارد دوللار سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سېتىۋېلىش نەخ پۇل ئارقىلىق بولدىكەن.
Verizon سېتىۋېلىش بىلەن بىرگە يۇقىرى تېزلىكتىكى ئىنتېرنىت ۋە ئايلانما ۋېدىئو خىزمەتلىرىنىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
AOL شىركىتى بۇرۇن «Time Warner» نى 165 مىليارد دوللارغا سېتىۋالغان بولسىمۇ تور خىزمەتلىرىدە بارغانسىرى رىقابەتنىڭ كەينىدە قالغان بىر شىركەتكە ئايلانغان ئىدى.
"ۋال سىترىت ژورنىلى"دا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە قارىغاندا،Verizon شىركىتى AOL بىلەن خىزمەت ئاساسىنى كىڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، كۆچمە ئۈسكىنىلەردىكى ۋىدىئو خىزمىتىگە تېلىۋېزورنىمۇ كىرگۈزمەكچى. Verizon ئايلانما تەشۋىقات خىزمىتى ۋە تور بەت بىلەن بىرگە نۇرغۇن خەلقئارالىق ئاخبارات بىكەتلىرىنى ئۆز دائىرىسىگە قوشۇۋالماقچى،
AOL شىركىتىنىڭ CEO سى Tim Armstrong ئالاقە شىركىتى Verizon نىڭ پاي بېشىغا 50 دوللار تۆلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى كېلىشىم تۈزۈلگەندىن كېيىن، «كۆچمە ئۈسكىنە ۋە ۋىدىئو ۋاستىسى بىلەن يېڭى ئەۋلاد مېدىيا تەشكىللەش»تىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. Verizon نىڭ نەخ پۇل تۆلەپ سېتىۋېلىش خىزمىتى ئەتە تاماملىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved