ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما يېقىندا ئىراققا ئەسكەر كۆپەيتىش- ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش كۆرۈشىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دىرەك بېرىدۇ، دېدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوباما ئارمىيەگە ھوقۇققا ئىراققا 1500ئامېرىكا ئارمىيەسىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىش ھوقۇقى بەرگەنىدى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئوبامانىڭ قوللانغان يۇقىرىقى قەدەم باسقۇچلىرى- ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىستراتىگىيەسىنى تەڭشەشكە باشلىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ. ھاۋادىن زەربە بېرىش ۋاستىسىنى داۋاملىق قوللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراقتىكى يەرلىك قۇراللىق كۈچلەرنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىدۇ، ئىراقتىكى يەرلىك قۇراللىق كۈچلەرنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە يەر يۈزىدىن ھۇجۇم قىلىشىغا تېخىمۇ كۆپرەك تايىنىدۇ.
ئامېرىكا ئارمىيەسى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بىر تەرەپتىن ھاۋا ھۇجۇمى-ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ جەڭگىۋارلىقى ۋە خەۋەرلىشىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، بولۇپمۇ ھاۋا ھۇجۇمى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق كۈچلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يىغىلىش ئېلىپ بېرىشقا جۈرئەت قىلغۇزمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھاۋا ھۇجۇمى يەنە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ئارمىيەسىىمۇ: گەرچە ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈنۈمى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولدى دەپ ھېسابلىدى.
8-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كۆرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىراق تەۋەسىدىكى نىشانلىرىغا زەربە بەردى ھەمدە 9-ئايدا ھاۋا ھۇجۇمى دائىرىسىنى سۇرىيەگە كېڭەيتتى. ئامېرىكا جامائەتچىلىكى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ھاۋا ھۇجۇمى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ نۇرغۇن قۇرال جابدۇقلىرىنى ۋەيران قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىدىنمۇ نۇرغۇن ئادەم ۋە ماددى ئەشىيا زىيانغا ئۇچرىدى.
بومباردىمان قىلغان ۋاقىتتىكى توغرىلىق دەرىجىسىنى قانداق ئۆستۈرۈش-ئامېرىكا ئارمىيەسىنى قىيناۋاتقان قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى. ھاۋا ھۇجۇمى دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق خادىملىرى كوچا رەستىلەرگە كىرىپ، پۇقرالار ئارىسىغا يۇشۇرۇندى، ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.
ئامېرىكىنى تېخىمۇ گاڭگىرتىۋاتقىنى شۇكى، ئامېرىكا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغاندىن بۇيان، ئىراق تەۋەسىدىكى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق خادىملىرى ئازايمايلا قالماستىن ئەكىسچە زور دەرىجىدە كۆپەيدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى شىتاب باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ رەئىسى دىمپىسى ئىلگىرى يەر يۈزى ئۇرۇشىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنى بېچىتت قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تەكىتلىگەنىدى. ئەمما ئامېرىكا بىۋاستە يەر يۈزى ئۇرۇشىغا ئارىلىشىشنى خالىمىدى. ئامېرىكا تەربىيەلەش ۋە ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە كورد قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ يەر يۈزى ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىش بويىچە ئالى قوماندانى، مەركىزى قۇمانلىق شىتابىنىڭ قوماندانى ئوسدىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈمى بىزنىڭ تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئىراق ئارمىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىراق ئارمىيەسىنى زور كۆلەمدىكى بومباردىماندا قولغا كەلتۈرۈلگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنى يۇقىتىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا باغلىق.
ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ چەكلىك بولۇشى ۋە يەرلىك قۇراللىق كۈچلەرنىڭ مۇھىملىقىغا قارىتا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىستراتىگىيەلىك تەڭشىشى- ئامېرىكا ئارمىيەسى خادىملىرىنىڭ ھەرىكەت رايونىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى خادىملىرىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ ھەمدە ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە كۇرد قۇراللىق كۈچلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەيدۇ.
بەش بۈرجەكلىك بىنانىڭ باياناتچىسى كوبى ئەسكەر كۆپەيتىش قارارىنى جاكارلىغاندا مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسى مەسلىھەتچىلەرنى يىراققا يۇرۇش قىلىش رايونىغا ئەۋەتىدۇ يەنى ئىراقلىقلار دۇشمەن بىلەن تېرىكىشىۋاتقان يەرگە ئەۋەتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەنگەن بۇ ئارمىيە پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكى، چېگرا مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ شۇنداقلا ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرىدۇ.
ھازىرغىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى خادىملىرى يەنە باغداد ۋە كوردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئېربىل قاتارلىق رايونلاردىلا ھەرىكەت قىلالايدۇ. بۇ قېتىمقى ئەسكەر كۆپەيتىش پىلانىغا ئاساسەن، ئامېرىكا باغدات ۋە ئېربىلنىڭ سىرتىدا ئىككى ئۇرۇش قىلىش مەركىزى قۇرىدۇ شۇنداقلا ئىراقنىڭ باشقا رايونلىرىدا ئىراق ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى توققۇز بىرگادىسى ۋە كورد خەلق ئەسكەرلىرى بىرگادىسدىن ئۈچنى مەشىقلەندۈرىدۇ.
بىراق مەملىكەت ئىچىدە ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش سادالىرى ئۈزۈلمىدى، ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويۇش قاتارلىق پايدىسىز ئامىللار ئالدىدا، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا ئوبامانىڭ قوللانغان ھاۋا ھۇجۇمى بىلەن يەر يۈزى ھۇجۇمىنى تەڭ ئىلىپ بېرىش ئىستراتىگىيەسىدە مۆلچەرلەنگەن نىشانغا يېتىش- يەتمەسلىك تېخى ئېنىق ئەمەس.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved