گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 8-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن كۆرۈشتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ تاغ دەريالىرى تۇتىشىپ تۇرىدۇ، بىر-بىرىگە سەمىمىي ياردەم بېرىدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن سەۋىيەگە يەتتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە، قاتناش، يېزا ئىگىلىكىنى ھەمكارلىق مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تاجىكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە كېلەر ئايدا ئاستانىدا ئېچىلىدىغان زۇڭلىلار يىغىنىنى پۇرسەت دەپ بېلىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئالاقە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سودىغا مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون بىخەتەرلىكى مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغداپ، تەرەققىيات گۈللىنىشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
راخمان مۇنداق دېدى: تاجىكىستان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە كەلگۈسى بەش يىللىق ھەمكارلىق پىروگراممىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېنېرگىيە، قاتناش، يېزا ئىگىلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتورا ئاسىيا- جۇڭگو تەبئىي گاز تۇرۇبا يولىنى ياخشى ياساپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تاجىكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتىگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved