ئالما شىركىتى يېڭىدىن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگە قەدەر، iOS 9 سىستېمىسى قاچىلانغان iOS ئۈسكۈنىلىرىنىڭ نىسبىتى %70 گە يەتكەن.
iOS 9 نىڭ قاچىلىنىش نىسبىتىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى قېتىم يەنى 11-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى قاچىلىنىش نىسبىتى %67 بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن يەنە ئۈچ پىرسەنت ئۆرلىگەن.
بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، iOS 9 دىن كىيىنرەك ئېلان قىلىنغان ئاندىرويىد 6.0 سىستېمىسىنىڭ نۆۋەتتىكى قاچىلىنىش نىسبىتى ئاران %0.3 بولۇپ، ئىنتايىن بىچارە ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان؛ ئاندىرويىد 5.0 نىڭ قاچىلىنىش نىسبىتى %26 بولغان؛ ئېلان قىلىنغىلى ئىككى يىلدىن ئاشقان ئاندىرويىد 4.4 سىستېمىسىنىڭ قاچىلىنىش نىسبىتى بولسا %38 بولغان.
ئەھۋالدا قارىغاندا، گۇگېل شىركىتى ئاندىرويىد سىستېمىسىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved