ۋاڭيى تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى نيۇيورك 3- ئاي 17- كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، بىر نيۇيوركتىن گىئورگىيە شىتاتىغا قاراپ يولغا چىققان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى 17- مارت سەھەردە ۋىرگىنىيە شىتاتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا يانچە ئۆرۈلۈپ كېتىپ، ئاپتوبۇستىكى 58 يولۇچىنىڭ ھەممىسىنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىشىنى، ئۇلاردىن تۆت ئادەمنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يارىلانغان يولۇچىلارنىڭ كۆپ سانلىقى جۇڭگولۇق ئىكەن.
ۋىرگىنىيە شىتاتى ساقچى تەرەپنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 17- مارت سۈبھى ۋاقتى تۆت ئەتراپىدا مەزكۇر ۋەقە ۋىرگىنىيە شىتاتى I-95 نومۇرلۇق تاشيولى ستاففوردشىر قا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن. ۋەقەدىن كېيىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن بۆلىكى قوش يۆنىلىشلىك ئاپتوموبىل يولى بىر نەچچە سائەت تاقىۋېتىلگەن، ۋەقە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس بىر تەرەپ قىلىنغاندىن كېيىن ئېچىلغان.
ۋىرگىنىيە شىتاتى ساقچى تەرەپ باياناتچىسى كوللىن.گىلەننىڭ دېيىشىچە، بۇ ئاپتوبۇس 16- مارت كەچتە نيۇيورك بروكلېن دىن يولغا چىققان، گىئورگىيە شىتاتىدىكى دوراۋېلغا بارماقچى بولۇپ، ئاپتوبۇستا جەمئىي 58 يولۇچى بار ئېكەن. ۋەقەدىن كېيىن ئاپتوبۇستىكى بارلىق يولۇچى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالانغان، ئۇلاردىن تۆت كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر، لېكىن ھاياتىغا ئېغىر خەۋپ يېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمىگەن.
ساقچى تەرەپ تەمىنلىگەن نەق مەيدان سۈرىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋەقەدە ئاپتوبۇس پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ كەتكەن، قارلىق يەر ئۈستىگە يانچە ئۆرۈلۈپ كەتكەن. ئاپتوبۇس ئەينەكلىرى چېقىلىپ، يولۇچىلارنىڭ نەرسە - كېرەكلىرى يەرگە قالايمىقان چېچىلىپ كەتكەن. نۇرغۇنلىغان جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلماقتا.
گىلەننىڭ دېيىشىچە، مەزكۇر ئاپتوبۇسنىڭ جۇڭگولۇق مۇھاجىر شوپۇرى بۇ يىل 50 ياشتا بولۇپ، نيۇيورك جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار مەھەللىسى فىلاشىڭ دىن كەلگەن، ۋەقەدىن كېيىن نەق مەيداندا داۋالىنىشنى رەت قىلغان، ئاپتوبۇسنى خەتەرلىك ھەيدىگەن دەپ ئەرز قىلىنغان.
ساقچى تەرەپنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، شۇ ۋاقىتتىكى يول ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا سۈرئەت ئاشۇرۇپ ھەيدەش مەزكۇر ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
مەزكۇر ئاپتوبۇس مەلىكە ساياھەت شىركىتىنىڭ بولۇپ، مەزكۇر شىركەت باشقا ئاپتوبۇس ئورۇنلاشتۇرۇپ تۇرۇپ قالغان يولۇچىلارنى مەنزىلگە يەتكۈزمەكچى.
مەنبەسى جۇڭگو ئاخبارات تورى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved