2016-يىلى يېڭى يىل ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتىشىگە، پوچتا ئادەتتىكى پۇسۇلكىسى ئارقىلىق پوسۇلكا يوللاشقا ئادەتلىنىپ قالغان كونا خېرىدارلارنىڭ بايقىشىچە، پوچتا پوسۇلكا ھەققى تەڭشەلگەن، پەقەت بىر ھەپتە ئۆتكەندىلا، شاڭخەيدىن سەنشىگىچە بولغان پوچتا پوسۇلكا ھەققى 2 ھەسسە ئۆسكەن، 1.5 كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى پوسۇلكىنىڭ پوچتا ھەققى بۇلتۇرقى 5.6 كىلوگىراملىق پوسۇلكا بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولغان، لېكىن يېتىپ بېرىش سۈرئىتىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولمىغان.
2015-يىلدىن باشلاپ، جۇڭگو پوچتىسى بىر قاتار زور ئىچكى تەڭشەشلەرنى قىلدى، ئەسلىدىكى پوچتا كىچىك پوسۇلكا مۇلازىمىتى بىلەن EMS (جۇڭگو پوچتىسى تېز يوللانمىسى) قارمىقىدىكى «ئىقتىساد تېز يوللانمىسى» كەسپى بىرلەشتۈرۈلىدۇ.
بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى قارمىقىدىكى تېز يوللانما كەسپىدە پەقەت تېز يوللانمىلق پوسۇلكا بىلەن « EMSئاۋىياتسىيە ئۆلچىمىدىكى تېز يوللانما» ئىككى خىلىلا قالىدۇ.
IT ۋاقىت گېزىتىنىڭ مۇخبىرى جۇڭگو پوچتىسىنىڭ ئورگان تور بېتىدە باھا ئۆستۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى تاپالمىغان، كەسپىي زاتلارنىڭ تەھلىل قىلىشى، باھانى تەڭشەش جۇڭگو پوچتىسىنىڭ تېز يوللانما كەسپىدە بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، خۇسۇسىي تېز يوللانما شىركەتلىرى بىلەن بازارنى تالىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved