19-مارت چۈشتىن بۇرۇن شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى لىڭشەن قولتۇقى دېڭىز تەۋەلىكىدە سەيلە قىلىۋاتقان شەھەر ئاھالىلىرى لىڭشەن ئارىلىغا يېقىن جايدىكى دېڭىز يۈزىدە نەچچە ئېگىز بىنا شەكلىدىكى جىسىملارنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقىغان. تىپتىنچ دېڭىز يۈزىدە تۇيۇقسىزلا بۇنداق غەلىتە مەنزىرە پەيدا بولغانلىقتىن، كىشىلەر بۇنى ‹‹ئېزىتقۇ›› بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. ئىگىلىنىشىچە، ئېزىتقۇ ــ نۇرنىڭ سۇنۇشى ۋە تولۇق قايتىشىدىن شەكىللىنىدىغان تەبىئىي ھادىسە بولۇپ، يەر شارىدىكى جىسىملار قايتۇرغان نۇر ئاتموسفېرانىڭ سۇندۇرۇشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن شەكىللىنىدىغان مەۋھۇم تەسۋىر ئىكەن. 2010-يىلى ۋە 2011-يىلى بۇ رايوندا ئىككى قېتىم ئېزىتقۇ كۆرۈنگەن بولۇپ، بىرى لىڭشەن ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز يۈزىدە، يەنە بىرى داجۇ تېغى چوققىسىدا كۆرۈنگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved