ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كوك «60 مىنۇت» پىروگىراممىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا ئاشكارىلىشىچە، مەخسۇس ئايفون ئۈچۈن كامىرا تەتقىق قىلىدىغان گۇرۇپپىدا نۆۋەتتە نەپەر خىزمەتچى بار بولۇپ، بۇلار ئاساسلىقى ئېنژېنېرلار ۋە باشقا كەسپى خادىملاردىن تەركىب تاپقان ئىكەن، بۇ گۇرۇپپىنىڭ مەسئۇلى Graham Townsend ئىكەن. Graham Townsend نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايفوننىڭ كامىرا تەتقىقات ئورگىنى 200 دىن كۆپرەك مۇستەقىل گۇرۇپپىدىن تەشكىل تاپقان ئىكەن، Graham Townsend ئالمىنىڭ ھەر قايسى شارائىت ئاستىدىكى تەقلىدى ھالىتىنى نامايەن قىلغان، بۇ ئارقىلىق كامىرانىڭ كونكېرت ئىپادىسىنى سىناق قىلغان.
ئالما شىركىتىنىڭ رىقابەتچىلىرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىناق قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانغان، ئەمما ئالما شىركىتىنىڭ كامىرا تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆلىمى تولىمۇ چوڭ بولۇپ، ئالما شىركىتىنىڭ ئايفوننىڭ سۈرەتكە تارتىش ۋە سىنغا ئېلىش ئىقتىدارىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. ئالما شىركىتى يەنە مەخسۇس ئايفون كامىراسى ئۈچۈن بىر تۈركۈم ئېلانلارنى ئىشلىگەن بولۇپ، ھەر قېتىم يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفون ئېلان قىلىنغان چاغدا نۇقتىلىق ھالدا ئايفوننىڭ سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تونۇشتۇرغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved