روسىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى تۇنجى قېتىم ھەربىي پاراخوتقا لازىر نۇرلۇق قورال سەپلىگەن بولۇپ، بۇ خىل سىناق خاراكتېرلىك قورال بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرى « پونىس» ناملىق چوڭ تىپتىكى قۇرۇقلۇققا چىققۇچى ھەربىي پاراخوتقا سەپلەنگەن. ئىگەللىنىشىچە، بۇ «پونىس» ناملىق پاراخوت ئالاھىدە قىسىمنىڭ ھەربىي پاراخوتىغا ئۆزگەرتىلگەن. پىلان بويىچە، «پونىس» ناملىق ھەربىي پاراخوتقا دېڭىزدا جەڭ قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان لازىر نۇر دەستىسى سەپلەنگەن، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە كاتېرغا زەربە بېرەلەيدۇ. «پونىس» ناملىق ھەربىي پاراخوت نۆۋەتتە پارىس قولتۇقىدا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved