كوستارىكا ئۆتكەن 75 كۈندە كۆمۈر كۆيدۈرمەي، يادرو ئېنېرگىيەسى ئىشلەتمەي، گازدىن پايدىلانماي، پەقەت ۋە پەقەت سۇ كۈچى بىلەن توك چىقىرىپ، دۆلەت ئىچى توك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە ئىشلىتىش تارىخىدىكى ئابىدىنى ياراتتى.
ئەنگلىيە ‹‹ مۇستەقىل گېزىتى ›› نىڭ 22 -مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كوستارىكا دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى توك كۈچى ئورگىنىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم ئۇدا 75 كۈن سۇ كۈچىگە تايىنىپ توك تارقىتىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل قاتتىق يامغۇر بولۇپ، ئۆتكەن ئۈچ ئاينىڭ يېغىن مىقدارى تۆت سۇ كۈچى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىنى يېتەرلىك بولغان سۇ بىلەن تەمىنلىگەن.
كوستارىيە ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كىچىك دۆلەت بولۇپ، نوپۇسى ئاران 4 مىليون 800 مىڭ. كوستارىكا ھاسىلىي ئېنېرگىيە تەرەپتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە سىياسىتى دۇنياغا داڭلىق.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved