گۈزەل قار گۈللىرى 26-يانۋاردىن باشلاپ ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا لەپىلدەپ مەركىزىي شەھەرنىڭ ھۆسنىگە باشقىچە گۈزەل تۈس قوشتى. ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ رايونىغا جايلاشقان بۇلاقتاغ باغچا مەنزىرە رايونى قاردىن كېيىن تېخىمۇ گۈزەللەشتى. ئاق لىباستىن تون كىيىپ، جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن باغچىدا زۇمرەتتەك كۆل سۈيىنىڭ شىلدىرلاشلىرى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ قارنى دەسسەپ مېڭىشىدىن چىققان رېتىملىق شاۋقۇن ۋە تورغايلارنىڭ بەزى-بەزىدە ۋىچىرلاشلىرى رىۋايەتلەردە تەسۋىرلەنگەندەك كىشىنى لال قىلغۇدەك گۈزەل مەنزىرىنى ھاسىل قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved