ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك تېلېگراف ›› گېزىتىنىڭ خۋىرىگە قارىغاندا شىۋېتسىيەنىڭ بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، يازدا ئاپتاپقا كۆپ قاقلانغان ئاياللارغا قارىغاندا، ئاپتاپقا قاقلانمايدىغان ئاياللارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار 29 مىڭ 518 ئايالنىڭ ئاپتاپقا قاقلىنىش ھەم قاقلانماسلىق ئەھۋالنى 20 يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. 20 يىلدىن كېيىن بۇلاردىن 2545 ئايال ۋاپات بولغان. بۇ تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، زادىلا ئاپتاپقا قاقلانمايدىغان ئاياللارنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدن ئۆلۈش خەتىرى ئىككى ھەسسە ئاشىدىكەن.
ئاپتاپقا مۇۋاپىق قاقلىنىپ، تۇرىدىغان ئاياللارنىڭ تېنى ساغلام بولىدىكەن. قۇياش نۇرىدىن ئ؟زىنى قاچۇرۇپ يۈرىدىغان ئاياللارنىڭ بەدىنىدە ۋىتامىنDنىڭ مىقدارى ئازلاپ كېتىدىكەن. ۋىتامىنDنىڭ كەملىكى دىيابېت، ئۆپكە تۇبېركۇليۇز كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاشۇرىۋېتىدىكىن.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved