گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 28-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلغا يېتىپ باردى، لى كېچياڭ بريۇسسېلدا 17-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ
شىنخۇا تورى، بريۇسسېل، 28-ئىيۇن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 28-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېلگىيە پايتەختى بريۇسسېلغا يېتىپ باردى، لى كېچياڭ بريۇسسېلدا 17-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ. لى كېچياڭنىڭ خانىمى چېن خۇڭمۇ شۇ ئايروپىلاندا بىللە باردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە بېلگىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ لى كېچياڭنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى يا يەنيى، بېلگىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچى چۈ شىڭ قاتارلىقلارمۇ كۈتۈۋېلىشقا چىقتى.
لى كېچياڭ بريۇسسېلدىكى مەزگىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە 17-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەمدە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشىدۇ، 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ياۋروپا سودا-سانائەتچىلەر ئۇچرىشىشىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى شەھەر-بازارلاشتۇرۇش شېرىكلىك مۇناسىۋىتى مۇنبىرىدە تەبرىك سۆزى قىلىدۇ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سكۇلز بىلەن كۆرۈشىدۇ.لى كېچياڭ يەنە بېلگىيە پايتەختىدە باش ۋەزىر مىچېل بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ ھەمدە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved