ئىران ئامېرىكا ماتروسلىرىنىڭ تىزلىنىپ كەچۈرۈم سورىغان سىن كۆرۈنىشىنى ئېلان قىلدى

      ئىران چېگرا تەۋەسىگە قانۇنسىز كىرگەن ئامېرىكا ماتروسلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ 16 سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىپ، «ماتروسلار ۋەقەسى» ھېسابتا «ئاياغلاشقان» بولدى. لېكىن، ئىران ماتروسلارنىڭ قولىنى بېشىغا قويۇپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ كەچۈرۈم سورىغان سىن كۆرۈنىشىنى ئېلان قىلىپ ئامېرىكىنىڭ ئوغىسىنى قايناتتى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېر 14-يانۋار ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ قىلمىشىدىن نارازى بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا «ئۆز ئادەملىرىنىڭ باشقا دۆلەت ئارمىيەسى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىشىنى كۆرۈشنى ياقتۇرمايدۇ»، پۈتكۈل ۋەقەنىڭ باش-ئاخىرىنى يەنە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش كېرەك دېدى.

      ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى دانە كىچىك تىپتىكى چارلىغۇچى كېمىسى 12-يانۋار كۇۋەيتتىن يولغا چىقىپ بەھرەيىنگە قاراپ مېڭىپ، پارس ئارىلىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا ئىران دېڭىز تەۋەسىگە ئۈسۈپ كىرىپ، ئىران ئىنقىلاۋى قوغدىنىش ئەترىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىندى. ئارقىدىنلا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى جاۋاد زارىف بىلەن جىددىي كېڭەشتى، ئىران ئەتىسى كېمە ۋە 10 نەپەر ماتروسنى قويۇپ بەردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ماتروس ۋەقەسى»نى ئۇڭۇشلۇق ھەل قىلىش دىپلوماتىك تىرىشچانلىقتىن بولدى دەپ قارىدى. لېكىن ئىران ئامېرىكا ماتروسلىرىنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى تۇتۇپ قالغان ۋاقىتتىكى سىن كۆرۈنىشىنى ئېلان قىلدى. سىن كۆرۈنىشىدە ئامېرىكا ماتروسلىرىنىڭ قوراللىق ئىران ئارمىيەسىنىڭ قورشاۋى ئاستىدا قولىنى بېشىغا قويۇپ تىزلىنىپ ئولتۇرغانلىقى، بىر ماتروس ۋەكىلىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ كەچۈرۈم سوراۋاتقانلىقى، 10 ماتروسنىڭ گىلەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىردىنبىر ئايال ماتروسنىڭ يەنە ئاق رەڭلىك ياغلىق ئاتىۋالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

         ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كارتېر 14-يانۋار، ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ ئۆز مەيلىچە ماتروسلارنىڭ سىن كۆرۈنىشىنى ئېلان قىلغانلىقىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «كۆپچىلىك كۆرگەن سىن كۆرۈنىشىنىڭ ھەممىسى ئىران تاراتقۇلىرىدىن ئېلىنغان، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي تەپسىلاتى تېخى ئېنىق ئەمەس» دېدى. كارتېر يەنە ئۆزىنىڭمۇ «ھەممە ئەھۋال»نى بىلگۈسى بارلىقىنى، ماتروسلارغا ئېنىق چۈشەندۈرۈش «پۇرسىتى» بېرىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئوخشاشلا ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى جون كوبىمۇ ئىراننىڭ ئامېرىكا ماتروسلىرىنىڭ سىن كۆرۈنىشىنى دۆلەت ئىچىدىكى تەشۋىقات مەقسىتىدە ئىشلەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. لېكىن تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى بۇ ماتروسلار ئىران ئىنقىلابى قوغدىنىش ئەترىتى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىپ 24 سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ساق-سالامەت قويۇپ بېرىلدى، ئىككى تەرەپ بىر پايمۇ ئوق چىقارمىدى.

        ئامېرىكا ماتروسلىرىنىڭ ئىران دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىگە كەلسەك، كارتېر ئامېرىكا بىرلەشمە تېلېۋىزىيە تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يول باشلاش سېستىمىسىدىكى مەسىلىنىڭ بۇ تاسادىپىيلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئۇلار (ماتروسلار)نىڭ قۇماندانى ئارقىلىق بىزگە يەتكۈزگەن چۈشەندۈرىشى بولسا، يول باشلاش سېستىمىسىدىكى خاتالىق سەۋەبىدىن ئىران دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىپ قالغان» دېدى. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ماتروسلار ئىران ئىنقىلابى قوغدىنىش ئەترىتىگە ئۇچراپ قېلىشتىن ئىلگىرى سىمسىز تېلگراف ئارقىلىق يۇقىرىغا نىشاندىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى دوكلات قىلمىغان. كارتېر مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا يول باشلاش سېستىمىسىدا خاتالىق كۆرۈلگەنلىكىنى دوكلات قىلمىدى. ئۇلار مەسىلىنى تېپىپ چىقماقچى بولغان بولىشى مۇمكىن، ئىران پاراخوتىغا ئۇچراپ قالغاندىلا ئۆزلىرىنىڭ ئىران دېڭىز تەۋەسىگە كىرىپ قالغانلىقىنى بايقىغان». كارتېر ماتروسلار مەخپىي ۋەزىپە ئىجىرا قىلماقچى بولغان دېگەن قاراشلارنى ئىنكار قىلىپ، ئۇلارنىڭ پەقەت «بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەلگەن»لىكىنى ئېيىتتى.

       رېيتېر ئاگېنتلىقى كارتېرنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ «ماتروس ۋەقەسى» توغرىسىدا بەرگەن ئەڭ تەپسىلىي چۈشەنچىسى ئىكەنلىكىنى، لېكىن يەنىلا نۇرغۇن مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلمىگەنلىكىنى مەسىلەن: نىشاندىن چەتنەپ كېتىشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى ھەمدە ئۇلار ئىران ئىنقىلاۋى قوغدىنىش ئەترىتىگە ئۇچراپ قېلىشتىن ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن ھېچقانداق خېيىم-خەتەرنى سەزمىگەنلىكىنى ئېيىتتى. «ماتروس ۋەقەسى» يۈز بەرگەندە ئىران يادرو كېلىشىمىنى ئىجىرا قىلىش ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرىۋاتقان بولۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى بىر مەھەل ئامېرىكا-ئىران ماجراسىغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلدى. لېكىن، ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىدە، ئىراننىڭ 14-يانۋار ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاراكتىكى ئېغىر سۇ رېئاكتورى ئىچكى يادروسىنى چۇۋۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچلۇق خىزمىتىنى تاماملايدىغانلىقى، يادرو چۇۋۇلغاندىن كېيىن كاۋاك ئازگالنىڭ سېمۇنت بىلەن تىندۇرىلىدىغانلىقىنى، بۇنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئورگىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.

       ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ئىران نۆۋەتتە ئىران يادرو كېلىشىمىنى ئىجىرا قىلىۋاتقانلىقتىن، ئامېرىكىنىڭمۇ يېقىنقى مەزگىل ئىچىدە ئىرانغا قارىتىلغان بىر قىسىم ئىقتىسادىي جازانى بىكار قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىمنى ئىجىرا قىلىشنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مارافونچە جاپالىق سۆھبەت ئارقىلىق ئىران بىلەن ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى ئالتە دۆلەت (ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە) بۇلتۇر 14-ئىيۇلدا ئىران يادرو مەسىلىسى بويىچە ئومۇم

         يۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلغان. كېلىشىمگە ئاساسەن ئىران يادرو پىلانىنى چەكلەيدۇ، بۇنىڭ بەدىلىگە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئىرانغا بولغان ئىمبارگونى بىكار قىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
16-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek