يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ مېكسىكىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە مۇخبىرى خەۋىرى : مېكسىكا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى كارام 7-نويابىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى : 9-ئايدا يوقاپ كەتكەن 43 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى شەھەر باشلىقى بىلەن زەھەر ئەتكەسچىلىرى تىل بىرىكتۈرۈپ ئۆلتۈرۈپ ، جەسەتلەرنى كۆيدۈرۈۋەتكەن ياكى دەرياغا تاشلىۋەتكەن . مېكسىكىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا 8-نويابىردىن باشلاپ نامايىش ۋە توقۇنۇش يۈز بېرىپ ، بۇ قىلمىش قاتتىق ئەيىبلەندى .
بۇ ۋەقە 26-سېنتەبىر يۈز بەرگەن بولۇپ ، سىرتتىن كەلگەن نەچچە ئون ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شۇ كۈنى گېررېرو ئوبلاستىنىڭ ئىگۋالا شەھىرىدە پۇل توپلاۋاتقاندا ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان ، ئارقىدىن ھەممىسى يوقاپ كەتكەن . يەرلىك دائىرىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىچە ، بۇ ئوقۇغۇچىلار شۇ جايدا تۆت ئاممىۋى ئاپتوبۇسنى زورلۇق بىلەن ئېلىپ ئىشلەتكەن ، ساقچى تەرەپ ئىگۋالا شەھىرىنىڭ باشلىقى خوسې لۇيىس ئاۋارجانىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇلارنى توسۇش جەريانىدا توقۇنۇشقان ۋە ئۇلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ ، ئالتە ئوقۇغۇچىنى ئېتىۋەتكەن ھەمدە باشقا 43 نەپەر ئوقۇغۇچىنى يەرلىكتىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئەزالىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن .
زەھەر ئەتكەسچىلىرى بۇ 43 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن ، جەسەتلەرنى كۆيدۈرۋەتكەن ياكى دەرياغا تاشلىۋەتكەن . يوقاپ كېتىش ۋەقەسى مېكسىكىنى زىل-زىلىگە سالغاندىن كېيىن ، ھەر قايسى جايلاردا نامايىش ھەرىكەتلىرى ئۈزۈلمىگەن ، دۆلەت ئىچىكىدىكى چوڭ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىكىدىن تەشكىللىنىپ كۆپ قېتىم دەرس تاشلاپ نارازىلىق بىلدۈرگەن . شەھەر باشلىقىنىڭ ئايالى خىزمىتىنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن ، كېيىن موشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى مېكسىكا شەھىرىدىكى مۇكۇۋالغان يېرىدە قولغا ئېلىنغان .
ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاشكارلىشى بىلەن پۈتۈن مېكسىكا پارتلاپ كەتكەن . يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ 8-نويابىر خەۋەر قىلىشىچە ، مېكسىكىدا نۇرغۇن نامايىشلار پارتلىغان . پايتەخت مېكسىكا شەھىرىدىكى ئامما 8-نويابىر تەپتىش مەھكىمىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ ‹‹ ھەققانىيەتنى تەلەپ قىلىمىز ›› ، ‹‹ بۇ قايغۇ–ھەسرەتنىڭ ئىچىدە غەزەپ بار›› ، ‹‹ ئەگەر سىزنىڭ بالىڭىز 44-بالا بولۇپ قالغان بولسىچۇ ؟ ›› دېگەن خەتلەر يېزىلغان پلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋېلىپ ، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقىغا قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرگەن . بىر قىسىم نامايىشچىلار ھەتتا مېكسكىنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك بىناسىنىڭ دەرۋازىسىغا ئوت قويغان . گەرچە بۇ ۋەقە Guerrero ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن بولسىمۇ ، لېكىن باشقا جايلاردا توقۇنۇشلار تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن ، يوقاپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋاتقان پېداگوگىكا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلار 8-نويابىر ئىشتات ھۆكۈمەت قورۇسىغا كىرىپ ، ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا ئوت قويۇپ ، ھۆكۈمەت ئىشخانا بىناسىغا تاش پارچىلىرىنى ئاتقان .
مېكسىكا تاراتقۇلىرىنىڭ قارىشىچە ، بۇ ۋەقە مېكسىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت چىرىكلىك ، دۆلەت ئىچىدىكى زوراۋانلىق جىنايەتلىرىنىڭ ھەددىدىن ئېشىشى ھەمدە ساقچى تەرەپنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى ئىكەن .
خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بۇ ۋەقەگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن . خەلقئارا ئومۇمىي كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ ۋەقە ‹‹ دۆلەتنىڭ جىنايىتى ›› ھېسابلىنىدىكەن . ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى 8-نويابىر مۇنداق دېگەن : ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل تۈردە مېكسىكا دائىرلىرى بىلەن بۇ ۋەقە توغرىلىق زىچ ئالاقە باغلاپ ، مېكسىكىنى تېخنىكا ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە مېكسىكا ھۆكۈمىتىنى جىنايەت گۇماندارلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا ۋە قاتتىق جازالاشقا ئۇندىدى .
مېكسىكا زۇڭتۇڭى پېننا دۆلەت ئىچىدىكى جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ‹‹ ھۆكۈمەت ۋەقەنىڭ تېگى–تەكتىنى قاتتىق تەكشۈرۈش قارارىغا كەلدى .بىز ۋەقەنىڭ باش جىنايەتچىسىنى جازالاپلا قالماي ، يەنە ۋەقەگە چېتىشلىق بارلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئالىمىز . مېكسىكا تەپتىش مەھكىمىسى تەرەپ مۇنۇلارنى جاكارلىدى : ھازىرغا قەدەر ، ئىگۋالا شەھىرىنىڭ سابىق باشلىقى لۇئىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 74 نەپەر جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى ، ھۆكۈمەت بۇنىڭدىن باشقا يەنە 10 قولغا ئېلىش بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ تارقاتتى .
لېكىن بۇ تەدبىرلەر مېكسىكا ھۆكۈمىتىنى ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتۈرەلمىگەن . ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە–تاۋابىئاتلىرى مېكسىكا تەپتىش مەھكىمىسى تەرەپنىڭ دېگەنلىرىدىن گۇمانلانغان . 10-ئاينىڭ بېشىدا ئىگۋالا ئىشتاتىدا نۇرغۇن ئۆڭكۈر ۋە سۆڭەكلەرنىڭ قالدۇقلىرى بايقالغان . مېكسىكا ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا سۆڭەكلەرنىڭ قالدۇقلىرىدىن سالاھىيەت ئېنىقلاشقا ئارگېنتىنادىن قانۇن دوختۇرى تەكلىپ قىلغان ، لېكىن ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن . خەلقئارا ئومۇمىي كەچۈرۈم تەشكىلاتى مۇنداق دەپ قارىدى : مېكسىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى قالايمىقان ۋە ئۈنۈمسىز ، نۇرغۇن خاتالىقلار بار .
ئەڭ بىمەنە يېرى شۇكى ، مېكسىكىنىڭ باش تەپتىشى 7-نويابىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئال سوراش باسقۇچى باشلىنىپ 15 مىنۇتتىن كېيىن ، ئەمدى سوئال سورىماڭلار ، مەن بەك ھېرىپ كەتتىم ، دەپ تۇرۇۋالغان . ئۇنىڭ ‹‹ ھېرىپ كەتتىم ›› دېگەن سۆزى مېكسىكىدىكى ھەر قايسى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ ، تورداشلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان .
مېكسىكا تاراتقۇلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ۋەقە يۈز بەرگەن ئىگۋالا شەھىرى مېكسىكىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى باشلانغان جاينىڭ بىرى ، شۇنداقلا مېكسىكىنىڭ ئۇچ رەڭلىك دۆلەت بايرىقى بارلىققا كەلگەن جاي . لېكىن ھازىر ئىگۋالا ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى مېكسىكا دۆلەت بايرىقىنىڭ ئەسلىدىكى رەڭگىنى يوقىتىۋەتتى .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved