ئەنگلىيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى 26-ئۆكتەبىر ئافغانىستان ئارمىيەسىگە ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەربىي بازىسىنى تاپشۇرۇپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ھەربىي ھەرىكىتى ئاخىرلاشتى. ئەنگلىيەنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئارمىيەسى شۇ كۈنى ئافغانىستان بىخەتەرلىك قىسىمغا ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىيدىكى ھىلمان ئۆلكىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ھەربىي بازىسىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستان تەۋەسىدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسىمۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاننىڭ غەربىي شىمالىي رايونىدا تۇرۇشلۇق باش ئورگىنىدىكى بىر بازىسىنى تاپشۇردى. ئۈچ تەرەپ ئاددىي تاپشۇرۇپ بېرىش ۋە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. شۇ يەردىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر قىسىم خادىملىرى ئافغانىستان ئارمىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە مەشىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئافغانىستاندا داۋاملىق تۇرىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved