يېقىندا ، ئۈرۈمچىدە ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، 409 دانە BRT ( ئايلانما يول تېز ئاپتوبۇسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) غا ‹‹ ئەينەك چاققۇچ ›› ئورنىتىلغان . جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە، شوپۇر ئەينەك چاققۇچنىڭ كۇنۇپكىسىنى باسسىلا ئاپتوبۇس دېرىزىسىنىڭ ئەينىكى چېقىلىپ ، يولۇچىلارنىڭ قېچىشىغا قولايلىق ئېلىپ كېلىدىكەن .
10-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى بەييۈەن يولىدىكى بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس توختىتىش مەيدانىدا ، بىر نەچچە خىزمەتچى خادىم BRT غا ‹‹ ئەينەك چاققۇچ ›› ئورناتتى . ‹‹ ئەينەك چاققۇچ ›› بەش سانتىمېتىر چوڭلۇقتىكى بىر قىزىل قۇتا بولۇپ ، ئاپتوبۇس دېرىزىسىنىڭ يان تەرىپىگە ئورنىتىلىدۇ .
نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئەينەك چاققۇچ ئاساسلىقى بوشلۇق بىر قەدەر چوڭ ، قېچىشقا ماس كېلىدىغان دېرىزىگە ئورنىتىلىدىغان بولۇپ ، ئاپتوبۇس تىپىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ، 12 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئاپتوبۇسقا 4 ~ 5 دانە ، 18 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئاپتوبۇسقا 6 ~ 8 دانە ئورنىتىلىدىكەن .
خىزمەتچى خادىمنىڭ مۇخبىرغا كۆرسىتىشىچە ، ‹‹ ئەينەك چاققۇچ كۇنۇپكىسى ››BRT نىڭ رولىنىڭ سول تەرىپىگە ئورنىتىلىدىكەن .
تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، ئەينەك چاققۇچنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى بولسا ئېلېكتىر ماگنىت ، قوزغىتىش پۇرژىنىسى ۋە تەپكە توك مەنبەسىدىن پايدىلىنىپ، ئاپتوبۇس ئەينىكىنىڭ بۇلۇڭ تەرىپىگە ئۇرۇلغاندىن كېيىن ، ئەينەك چېقىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ، ئەينەك چاققۇچنىڭ ئۆزىنىڭ ئاككۇمۇلياتورى بولغاچقا، ئاپتوبۇس قوزغالمىغان ئەھۋالدىمۇ ئەينەكنى چاققىلى بولىدىكەن .
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved