چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 16-دېكابر تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشىيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن (ئوڭدىن يەتتىنچىسى) بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئۈچ بۇلاق سوم بېلىقى زاۋۇتىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. كىم جۇڭئۇن ئۈچ بۇلاق سوم بېلىقى زاۋۇتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت پائالىيىتى ئەھۋالىنى كونكېرىت ئىگەللىگەن، ھەمدە قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرغا قويغان. كىم جۇڭئۇن كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: ئۈچ بۇلاق سوم بېلىقى زاۋۇتىدا تۇخۇم باسۇرۇش مەيدانى ۋە ئۆي ئىچى، ئۈستى ئوچۇق كۆلچەكتىن كۆپەيتىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، زامانىۋىلاشقان كۆپتۈرمە يەم-خەشەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق، زاۋۇتنىڭ ماددىي تېخنىكا ئاساسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئارىشاڭ سۇ مەنبەسى مول بولغان زاۋۇت ئەتراپىدا چوڭ سىغىملىق سۇ ئامبىرىنى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق، سۇنى قايتا ئايلاندۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەن-تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش بازىسى ۋە مەدەنىيەت پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇپ، مەزكۇر زاۋۇتنى ئىلمىيلاشقان، تۈجۈپىلەنگەن ۋە سانائەتلەشكەن دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سوم بېلىقى زاۋۇتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved