غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا تېررورلۇق قوراللىق ۋەقەسى سەۋەبلىك 14 ئادەم قازا قىلغان كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سان بىناردىنو شەھىرىدىكى ئېچىنىشلىق ۋەقە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىن تېخى كەتمىگەن، كولورادو ئىشتاتىدىكى مەكتەپ ئىچىدە يۈز بەرگەن قوراللىق ۋەقەنىڭ كۆلەڭگىسى تېخى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق دەككە-دۈككە ۋاقتىدا، يەنە بىر يېڭى ئىشنىڭ پەيدا بولۇشى ئامېرىكا قورال-ياراغ سېتىش مۇنازىرسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. قورال-ياراغ سودىسى ھەر يىلى ئامېرىكىغا نەچچە 10 مىليارد دوللار كىرىم قىلىپ بېرىدىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۇ ھەر يىلى 30 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىكەن. ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 13-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدا تۇنجى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 24 سائەت قورال-ياراغ ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرىنى ساتىدىغان سىملىق تېلېۋىزىيە قانىلى Gun TV 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا ئېچىلماقچى بولغان. بۇ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خوجايىنى بونىستىن بىلەن كاسسىر بولۇپ، بۇ ئىككىيلەننىڭ تېلېۋىزوردا قورال-ياراغ سېتىش تەجرىبىسى بار ئىكەن. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قانالنىڭ ئېچىشىمىزنىڭ مەقسىتى ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ھەرگىزمۇ ئىستېمالچىلارنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئەمەس، چۈنكى ئامېرىكىدىكى كۆپلىگەن قورال-ياراغ سېتىۋالغۇچى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مەسئۇلىيەتچان كىشىلەر. بۇ ئىككى كىشى يەنە تېخى قانال تەسىس قىلىنغان مەزگىلدە قورال ئىشلىتىشتىكى بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى سۆزلەپ بېرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە قىلىپ ئەسكەرتتى.
باشقا مال سېتىۋېلىش قاناللىرى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى Gun TV قانىلى بىۋاسىتە قورال ساتمايدىغان بولۇپ، بەلكى زاكاز قىلغۇچىلارنى يەرلىكتىكى قورال سېتىش مەخسۇس دۇكانلىرىغا بېرىپ سېتىۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئامېرىكا قانۇنىغا ئاساسەن، قانۇنى قورال-ياراغ سېتىش دۇكانلىرى چوقۇم قورال سېتىۋالغۇچىلارنىڭ سالاھىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش باققاندىن كېيىن ئاندىن قارشى تەرەپكە قورال سېتىپ بېرىشى لازىم، لېكىن ئىستېمالچىلار توردا ياكى قورال سېتىش يايمىلىرىدا قورال سېتىۋالغاندا تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلمىسىمۇ بولىدۇ.
بۇ قانالنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئامېرىكا قورال-ياراغ يامراپ كېتىش ھالىتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان ساھە ۋە كىشىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved