ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 7-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدىكى داڭلىق ئۆي-زېمىن سودىگىرى كىرايىدىنس گۇرۇھىنىڭ ئەرەب دېڭىزىدا لەيلەپ تۇرىدىغان 42 يۈرۈش داچا سېلىش پىلانى تەستىقلانغان بولۇپ، يېقىندا قۇرۇلۇش باشلايدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ پىلان 2015-يىلى مارتتا دۇبەي خەلقئارا سەيلە كېمىسى كۆرگەزمىسىدە تۈنجى ئوتتۇرغا قويۇلۇپ، 4-مايدا قۇرۇلۇش لايىھەسى ئېلان قىلىنغان. ‹‹ لەيلەپ تۇرغان سەقەنقۇر ›› دەپ ئاتالغان بۇ دېڭىز داچىسى ئۈچ قەۋەتلىك لايىھەلەنگەن، داچا ئىچىدە ياتاق ئۆي، ئاشخانا، غىزالىنىش ئۆيى، قەھۋەخانا، كۆڭۈل ئىچىش ئۆيى ۋە ئۇۋىلىتىش ئۆيى بار ئىكەن، ياتاق ئۆي بىلەن مۇنچا دېڭىز ئاستىغا توغرا كەلگەن قەۋەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، سۈزۈك ئەينەكلىك تامدىن سۇ ئاستى دۇنيانىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدىكەن. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ قۇرۇلۇش پىلان بويىچە 2016-يىلى يىل ئاخىرىدا پۈتىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved