ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۆۋەن ھاۋا بېسىمى تەسىرىدە ياپونىيەنىڭ خوككايدودىكى شىرېتوكو ئارىلىنىڭ رائۇشى رايونىدا قاتتىق قار يېغىپ، شۇ يەر ۋاقتى 2-فېۋرال چۈشكىچە قارنىڭ قېلىنلىقى 179 سانتىمېتىرغا يەتكەن، ياپونىيە مېتېئورولوگىيە نازارىتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 2005-يىلىدىن بۇيان خاتىرىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى سانلىق مەمۇمات ئىكەن.
رائۇشى تەرەپ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 54 ئاھالىلىك ئولتۇراقلاشقان رايننىڭ يولى قار سەۋەبلىك توسۇلۇپ كەتكەن، قار تازىلاش ماشىنىسى ۋە ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلارمۇ بۇ يولغا كىرەلمىگەن، شۇ يەر ۋاقتى 2-فېۋرال سەھەردە يەرلىك قوغدىنىش ئەترىتى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان. قوغدىنىش ئەترىتى 50 نەپەر ئەترەت ئەزاسى، 10 قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىنى نەق مەيدانغا ئەۋىتىپ، قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېلىپ بارغان.
شۇ يەر ۋاقتى 2-فېۋرال چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 تە 6-نومۇرلۇق دۆلەت يولى لىنىيەسى قاتارلىق لىنىيەلەر ئېتىۋېتىلگەن. 97 نۆۋەتچى پويىز توختىتىپ قويۇلغان، 227 مەكتەپتە مەجبۇرىي دەرس توختىتىلغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved