جاڭ دېجياڭ كرودىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى لېيكو بىلەن كۆرۈشتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 30-ئاۋغۇست ‹‹خەلق›› سارىيىدا كرودىيەنىڭ پارلامېنت باشلىقى جوسىپ لېيكو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى


جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كرودىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر. بولۇپمۇ 2005-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلدى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى چوڭقۇرلاشتى، قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە زور كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنى ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، بىر-بىرىنى چۈشىنىپ، ئىقتىساد-سودا، پەن-مائارىپ، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، خەلقئارا ۋە كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇشنى ساقلىدى. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن كرودىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. بىز ياخشى سىياسىي مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو-كرودىيە مۇناسىۋىتىدە يېڭى تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.


جاڭ دېجياڭ ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىسى ھەققىدە توختالغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كرودىيە پارلامېنتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرقى ياخشى ھەمكارلىق ئاساسىدا، تېخىمۇ ئىجابىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.


لېيكو مۇنداق دېدى: كرودىيە بىلەن جۇڭگو بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، بىر-بىرىگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. كرودىيە بىر جۇڭگو سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونى ئاۋۋالقىدەكلا ئىشەنچىلىك دوستى دەپ قارايدۇ. كرودىيە پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىكتە، ھەر قايسى قاتلامدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

 

 



خەتكۈچلەر:
01-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek