دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 5-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: لىۋىيەدە يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشلار ۋە دەم ئېلىشقا چىققان گېنىرال خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق قىسىملار قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 2 ئەسكەر، 3 كىشى ئۆلدى، يەنە 4 ئەسكەر، 6 پۇقرا يارىلاندى. گايران كەنتى ساقچى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ھافتەرگە قاراشلىق قىسىملارنىڭ ھۇجۇمىدا بىر ئايال ئۆلگەن ، ئۇنىڭ يولدىشى ۋە قىزى يارىلانغان.
بەرراك ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا قۇراللىق گۇرۇپپىلار بىلەن ترابلۇس مىللى قۇرۇلتايغا تەۋە باش شىتاب ئارىسىدا يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشتا 2 ئەسكەر ئۆلۈپ، 4ى يارىلانغان.
ھەربىي ئىتتىپاق باياناتچىسى مۇھەممەد ئەل كايۋان، ئەل مەگارىھا قەبىلىسىگە قاراشلىق قىسىملار بىلەن يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشتا يارىلانغان 4 ئەسكەرنىڭ بىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
لىۋىيەدە قەززافى ھۆكۈمىتىگە قارشى 2011-يىلى 17-فېۋرالدا باشلانغان ئىنقىلابتىن كېيىن مۇقىملىق كاپالەتكە ئىگە بولۇپ باقمىغان بولۇپ، 2014-يىلى مايدا پىنسىيەگە چىققان گېنىرال خەلىفە ھافتەرنىڭ زىنتان مەركىزىگە جايلاشقان قۇراللىق گۇرۇپپىلىىرى بىلەن باشلىغان ھەربىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنىشى ، ترابلۇس ۋە مىسراتادىكى ئىنقىلابچى گۇرۇپپىلارنىڭ بىرلەشمە ھەرىكىتى تەرىپىدىن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان، ئەمما ھەربىي ئۆزگرىش دۆلەتنى ئىچكى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرگەن ئىدى.
بىر قاتار ۋەقەلەردىن كېيىن بىر قىسىم خەلق ۋەكىللىرى «ۋەكىللەر مەجلىسى» نامىدا توبروك رايۇنىدا خىزمەت باشلىشى بىلەن لىۋىيەدە ئىككى پارلامېنت پەيدا بولدى، مىللى قۇرۇلتاي ۋە ترابلۇس ھۆكۈمىتى قوللىشىدىكى «لىۋىيە شەپىقى» بىلەن «ۋەكىللەر مەجلىسى» تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشكەن ھافتەرگە قاراشلىق «غۇرۇر ھەرىكىتى ئىتتىپاقى» ئارىسىدىكى تۇقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا.
![]() |
پىرېزىدېنت تۈزۈمى
پىرېزىدېنت تۈزۈمىنىڭ تۆت ئالاھىيدىلىك بار: بىرىنچى، پىرېزىدېنت دۆلەت تۈزۈمىنىڭ شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى، مەمۇرىي ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ، ئۈچ خىل ئارمىيەنى باشقۇرىدۇ.
ئىككىنچى،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved