بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋىن دېسل باش رول ئالىدىغان فىلىم «ئاخىرقى چەك ئالاھىدە خادىمى»گە بوللىۋود چولپىنى دېپىكا پادۇكون، ھەرىكەتلىك فىلىم چولپىنى لى ليەنجيې، تونى جاي قاتارلىق خەلقئارالىق چولپانلارنىڭ قېتىلغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەر بېرىلگەن. يېقىندا بۇ فىلىمنىڭ ئارتىس تىزىملىكى يەنە ئۇزاردى، 8-يانۋار فىلىم رېژىسسورى كارۇسو ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېتىدە يەنە ئىككى ئارتىسنىڭ فىلىمگە قېتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار ئارتىس نىنا دوبرېۋ ۋە رۇبي روسې بولۇپ، نىنا دوبرېۋ تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قان شورىغۇچ خاتىرىسى» بىلەن تونۇلغان، رۇبى روسى بولسا «ئاياللار تۈرمىسى»دە ئالغان رولى بىلەن داڭلىق. رېژىسسورنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە بۇ فىلىمدا نىنا بىر يۇمۇرىستىك تېخنىك خادىمىنىڭ رولىنى، رۇبى بىر مەرگەننىڭ، دېپىكا بولسا بىر ئايال ئوۋچىنىڭ رولىنى ئالىدىكەن. رېژىسسور فىلىمغا يەنە داۋاملىق يېڭى ئارتىسلارنىڭ قېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved