روسىيە ئاخبارات ۋاستىللىرنىڭ خەۋەر قىلشىغا ئاساسلانغاندا،ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامىرىكنىڭ ئارقىسىدىنلا روسىيەگە ئىقتىسادى جەھەتتە ئىمبارگۇ يۈرگۈزۈشنى ئويلىشۋاتىدۇ.بۇ گىرمانىيە مىنىستىرى 2-چېسلادىكى بىلدۈرگەن سۆزى ئىكەن.
مېركىل ۋاشىنگىتوندا ئامىرىكا پىرىزدېنتى ئوباما بىلەن كۆرۈشۈپ:‹‹ياۋروپا ئىتتىپاقى ھازىر يەنە بىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى تەييارلاۋاتىدۇ.بىز يېقىن كەلگۈسىدە روسىيەگە قارىتا ئۈچىنجى قېتىملىق ئىمبارگۇنى يۈرگۈزمەكچى،مېنىڭ ئەسكەرتمەكچى بولغىنىم بۇنىڭ بىزنىڭ مەقسىتىمىز بىلەن ئۇيغۇن كېلشى ئېنىق ئەمەس.››
ئۇنىڭ دىيشىچە، گىرمانىيەنىڭ روسىيەگە ئىمبارگۇ يۈرگۈزگۈسى يوق ئىكەن، بىراق ئۇكرائىنا پىرىزدېنىت سايلىمنىڭ مەغلۇب بۇلۇشى تۈپەيلى ئىمبارگۇ يۈرگۈزۈشتىن ساقلىنىش تەس ئىكەن.
مېركىل ئوبامانىڭ ھەمراھلىقىدا سۆھبەتتىن كىيىن خەۋەر ئېلان قىلىش يىغنى چاقىرىپ :‹‹5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى سايلام ئەسلىدە ئۇكرائىناغا ئىلگىرلەش ئېلىپ كېلشى كىرەك ئىدى.ئەگەر مۇقىم ۋەزىيەتنىڭ بۇلۇشى مۇمكىن بولمىسا، ئۇنداقتا روسىيەگە قارىتا يەنە بىر قەدەم ئىمبارگۇ يۈرگۈزۈشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.بۇ ھەرگىزمۇ گىرمانىيە تەرەپ ئۈمىد قىلغان نەتىجە ئەمەس.گىرمانىيە تەرەپ دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق مەسلىنى ھەل قىلشنى تەشەببۇس قىلىدۇ›› دىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved