2008-يىلى يازلىق تەتىلدە، ئۇزۇندىن بۇيانقى ئارزۇيۇمنىڭ تۈرتكىسىدە شىنجاڭغا كېلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ ساياھىتىمنى باشلىدىم. بۇ قېتىمقى سەپىرىمدە قەشقەر ــ تاشقورغان ــ خوتەن ــ كۇچا ــ مەكىت ــ نىيە ــ چاقىلىق ــ چەرچەن ــ كورلا ــ ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، گۈزەل شىنجاڭ مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندىم ۋە فوتو ئاپپاراتىم بىلەن نۇرغۇنلىغان ئۇنتۇلغىسىز ئەسلىمىلەردىن خاتىرە قالدۇردۇم. (تورداش شياۋلىن خەۋىرى ۋە فوتوسى)
كۇچادا، بۇ ئۇيغۇر تاغامنى سۈرەتكە تارتىۋاتقىنىمدا ، ئۇ تەبەسسۇم بىلەن ‹‹چاس›› بەردى.
جەنۇبىي شىنجاڭ، مۇز تاغ چوققىسى ئاستىدىكى كاراكۆل بويى. بۇ يەردە مەيلى قايسىلا كۆچمەن چارۋىچىنىڭ ئۆيىگە كىرسىڭىز، شۇ ھامان ئالدىڭىزغا داستىخان سېلىنىپ، نان ۋە قىمىزلار كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئۇلارغا پۇل بېرىش بىر خىل ئەدەبسىزلىك، ئۇلارنى ھاقارەتلىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، مەن بەرمەكچى بولغان پۇلنى ــ ئۇلارغا بولغان كىچىككىنە كۆڭلۈمنى ئاستاغىنا گىلەم ئاستىغا تىقىپ قويۇپ، ئۇلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈپ خوشلاشتىم.
خوتەندىكى ئۈزۈم كارىدورى. نەچچە ئون كىلومېتىرغا سوزۇلغان يېزا تاشيولىغا ئۈزۈمدىن باراڭ ئېلىنغان بولۇپ، ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەر مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەنىدى. بۇ ئەتراپتىكى دېھقانلار ئۆيىنى ئارىلاپ يۈرۈپ، ئۇيغۇر قىزى ئاينۇر بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇ ئالايىتەن باراڭغا چىقىپ ماڭا بىر ساپاق ئۈزۈم ئۈزۈپ بەردى، بۇ ئۈزۈمنىڭ تەمى ھېلىھەم تىلىمدىن كەتمەيدۇ.
يۇرتقا قايتقاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىسمىنى توردا تەكشۈردۈم. ئەسلى ‹‹ئاينۇر›› دېگەن بۇ ئىسىم ‹‹كېچە ئاسمىنىنى يورۇتۇپ تۇرغان ئاينىڭ نۇرى›› دېگەن مەنىدە ئىكەن. كېيىنچە مەن ئۇنىڭ سۈرىتىنى يۇيۇپ، ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەردىم، بىراق ئۇنىڭ سۈرەتنى تاپشۇرىۋالغان ياكى تاپشۇرىۋالمىغانلىقىنى بىلەلمىدىم، ئۇ خەنزۇچىنى بىلمەيتتى، شۇڭا، بەلكىم خەت قايتۇرالمىغان بولۇشى مۇمكىن.
ئاينۇر دادىسى ۋە ئىنىسى بىلەن بىرگە ئۆيىدىكى قوي يۇڭى كارخانىسىدا ئىشلەيتتى، ئۇنىڭ ئنىسى ھەر كۈنى يۇڭ ئاتاتتى، خىزمەت شارائىتى سەل جاپالىق ئىدى.
قەشقەر بازىرىدا قۇرۇق يەل-يېمىش ساتىدىغان بۇ سودىگەرلەر مېنىڭ سۈرەتكە تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۈلكىلىك چىراي ئىپادىلىرىنى چىقىرىپ قىزىقچىلىق قىلدى. ئۇيغۇرلار قىزغىن، ئوچۇق-يورۇق، ئورۇنلاش سەنئىتىگە ماھىر مىللەت. سۈرەتلەرنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بېرىش ئۈچۈن سۈرەتتىكى بۇرۇتلۇق تاغىمىزنىڭ كىملىكىنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم. ئۇنىڭ ئىسمى سېلىم ھۆسىيىن ئىكەن.
قەشقەر چوڭ بازاردىكى خوراز سوقۇشتۇرۇش مەيدانىدا، ئىككى خوراز سوقۇشماقتا، بازارغا تاڭ سەھەردىلا كېلىۋالغان بىرەيلەن بولسا بەخىرامان ئۇخلىماقتا.
نىيەدىن چاقىلىققا تۇتىشىدىغان دۆلەت يولى بويىدىكى لاپاستا مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان لياڭ ساقچى بىلەن تونۇشۇپ قالدۇق. بۇ تاشيولدا يېرىم كۈندە بىرەرمۇ ئاپتوموبىلنى ئۇچراتقىلى بولمايدىكەن. يالغۇز زېرىكىپ تۇرغان لياڭ ساقچى بىزنى لاپاسقا باشلاپ ئۇسسۇزلۇق بەردى، ئۇنىڭ بىلەن خېلى بىر ۋاققىچە پاراڭلاشتۇق.
تەكلىماكاندىكى قۇملۇق تاشيولىنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ئاپتوموبىلىمىزنىڭ مېيى تۈگىدى، يەر يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن يۇقىرى 60 گىرادۇسقا چىققانىدى.
بىزگە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىرەر كىشىدىن ياردەم تەلەپ قىلماقتىن باشقا چارە يوق ئىدى. يېرىم كۈن ساقلىۋىدۇق، موتوسىكلىت مىنىپ كېتىۋاتقان بىر ئۇيغۇر بالا ئۇچرىدى، بۇ بالا بىزنىڭ ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى چۈشەندى بولغاي، گېپىمىز تۈگىمەي تۇرۇپلا بىزنى خۇددى كونا تونۇشلىرىدەكلا ئارقىسىغا مىندۈرۈپ ناھىيە مەركىزىگە ئاپىرىپ قويدى ۋە بىزنى چۈشۈرۈپلا كېتىپ قالدى، ئۇنىڭغا ھەتتا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالدۇق.
ھەمراھلىرىم تاغ ئىچكىرىسىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلارغا تارقىىتپ بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇن كىيىملەرنى، مەن بولسام ئوقۇش قوراللىرىنى ئېلىۋالغانىدىم. كىچىك دوستلار ئوقۇش قوراللىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا كىيىم ئالغاندىنمۇ بەك خۇشال بولۇشتى. گەرچە، ئۇلارغا پەقەت ئىككى-ئۈچ تال قەلەم، بىر قانچە دەپتەرلا بېرەلىگەن بولساممۇ، ئەمما، بۇ سەبىيلەرنىڭ خۇشاللىقى قەلبىمگە ئىپادىلەپ بەرگۈسىز شادلىق بېغىشلىغانىدى.
قاراقاش ناھىيەسىدىكى خوتەن گىلىمى توقۇش كارخانىسى. گىلەم توقۇش ئادەم كۈچى ۋە ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت بولۇپ، بىر پارچە گىلەمنى توقۇش ئۈچۈن نەچچە ئايال بىر نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىدىكەن، گىلەمنىڭ قىممىتى گەرچە تۆۋەن بولمىسىمۇ، بىراق بۇ ئىشچىلارنىڭ كىرىمى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى مائاشىنىڭ 1/5ىگە توغرا كېلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر يۇقىرى تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان ئىشكەن.
تەڭرىتېغىدىن ئۆتۈپ كورلىغا بېرىش جەريانىدا، قاتتىق قار ياغدى، 1-نومۇرلۇق مۇزلۇق ئەتراپىدا ئېزىپ قالدىم. تەلىيىمگە بۇ يەردە بىر چارۋىچى ئائىلىسىگە يولۇقتۇم ۋە يول سوراپ، يۆنىلىشىمنى ئېنىقلىۋالدىم، بولمىسا كەچ كىرگۈچە كورلىغا يېتىپ بارالماسكەنمەن. يول سوراۋاتقىنىمدا، ئۇلار ماڭا بىر چىنە قىزىق ئەتكەن چاي بەردى، ئۇنى ئىچىپ، روھىم ۋە جىسممىم بىردىنلا ئىللىقلىققا تولغاندەك بولدى.
كۈتۈش (قەشقەر كوناشەھەر)
خوتەن چوڭ بازار. بۇ يەردە ئىچكىرىدىن كەلتۈرۈلگەن نۇرغۇن تاۋارنى كۆردۈم. ئۇيغۇرلار خۇنەن جياڭشىدا ئىشلەپچىقىرىلغان تاختا چاي(قارا چاي) ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىكەن.
خوتەن كوچىلىرىدىكى يايمىلاردا ئىچكىرىنىڭ ئۇششاق تاۋارلىرى تېز سېتىلىدىكەن.
نىيە بازىرى، قىزىغا ھالقا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئانا.
قەشقەر بازىرىدىكى تورت سېتىۋاتقان بالا. بۇ تورتلار ھازىر بارمىدۇ ؟
مەكىت ناھىيەسىدە، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن دولان ناخشا-ئۇسسۇلىدىن ھۇزۇرلىنىش شەرىپىگە ئېرىشتىم، مەردۇ-مەردانىلىك جۇش ئۇرۇپ تۇرغان، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان بۇ گۈزەل، يېقىملىق مۇزىكىلارنىڭ مەڭگۈ يوقاپ كەتمەي داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
نىيە بازىرى، گۈزەل ئەتلەس شارپا ۋە يېپىنچىلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ داڭلىق يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ بىرى.
مەكىت ناھىيەسىدە، بىر توپ كىشىلەر تامغا رەسىم سىزماقتا. بۇ ناھىيەدىكى دېھقان رەسساملارنىڭ يىراق-يېقىنغا داڭقى بار ئىكەن.
مەكىت ناھىيەسى، ئىشىكى ئالدىدا ئاپتاپقا قاقلىنىۋاتقان موماي.
تارىم ئويمانلىقى، بۇيەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك كان قېزىش ياكى نېفىت تارتىش زاۋۇتلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدىكەن، بۇلار دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىكەن.
قاراقاش ناھىيەسى، بۇ شاكىچىكنىڭ قولىدا تۇتىۋالغىنى خوتەن قەغىزى. خوتەن قەغىزى(ئۈژمە قوۋزىقىدىن ياسالغان قەغەز) جەنۇبىي شىنجاڭ قول-ھۈنەرۋەنچىلىكىدىكى بىر خۇشپۇراق گۈل، يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم شاھىدى. بۈگۈنكى كۈندە، يەرلىكتىكى كىشىلەر بەس-بەس بىلەن سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىگەچكە، بۇ قەدىمىي قول ھۈنەر-سەنئىتى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قاپتۇ.
خوتەن بازىرىدىكى ئۇيغۇر تېز تاماقخانىسى، بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى داۋامەت ئىكەن، ئۇ ئىچكىرىدە بىر نەچچە يىل ئىشلىگەندىن كېيىن خوتەنگە قايتىپ كېلىپ بۇ يەردە ئاشپەزلىك قىلىۋېتىپتۇ. ئۇ ماڭا:‹‹يەنىلا يۇرتتا ئىشلىسەم ياخشىكەن، كۆڭلۈم توق، راھەت ھېس قىلىدىكەنمەن›› دېدى.
قەشقەر بازىرىدىكى تاملاردىمۇ ‹‹شەھەر تەمرەتكىسى›› بار ئىكەن.
پامىر ئېگىزلىكىدە، تەخەي مىنىپ دەريادىن ئۆتكەن بالا.
شۇ يىلى، جەنۇبىي شىنجاڭ سەپىرىمدە نۇرغۇنلىغان تەبەسسۇم چىرايلارنى ئۇچراتتىم، بۇ خۇش چىرايلار ئاپپاراتىمدىلا ئەمەس، يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىغا مەڭگۈلۈك ئورناپ كەتكەنىدى...
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە، سەنشى ئۆلكىسىدىكى يەنچاڭ نېفىتلىكى زىچاڭ نېفىت بۇرغىلاش زاۋۇتى مائەنشەن نېفىت توپلاش پونكىتىدا خام نېفىت ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، زور مىقداردا ئېقىپ چىققان...
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 25-ماي، سىرىلانكا كولومبو، شۇ جايدىكى كەلكۈن چېكىنگەندىن كېيىن، خەلق ئاممىسى ئۆي-ماكانلىرىنى تازىلاپ، يىغىشتۇردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved