بۇ يىل 37 ياشقا كىرگەن ئەنگلىيەلىك Mark McCann ئەنگلىيەچە ناشتىلىققا ئامراق ئادەم، مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇ سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، بەدەن ئېغىرىقى 171 كىلوگىرامغا يەتتى. زىيادە سېمىزلىك ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، ئۇ ھەتتا 13 يىلغىچە ئايروپىلاندا ئولتۇرالمىدى، سالامەتلىكىگىمۇ ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزدى، ھەتتا ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كەلدى. ئۇ بىر يېرىم يىل تاماقتىن پەرھىز تۇتۇش ئارقىلىق، ئېغىرلىقى 57 كىلوگىرام چۈشتى.
دەسلىپىدە، Mark باشقىلارنىڭ تەكلىپىگە سەل قاراپ، مايلىق تېز تاماقلارنى كۆپ يېدى، ھەتتا بەزىدە خىزمەتداشلىرىنىڭ ئېشىپ قالغان تاماقلىرىنىمۇ يەۋەتتى. بىر كۈنلەرگە كەلگەندە ھەمراھىنىڭ ئۆزىنى تارتقان رەسىمنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۆزىنىڭ قورقۇنچلۇق دەرىجىدە سەمىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى، ئۇ رەسىمدىكى ئۆزىدىن بىزار بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزگىرىشنى قارار قىلدى.
ئالدى بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ھەۋىسى ـــ مايلىق يېمەكلىكنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئورنىغا كۆپكەن قاتلىما، توخۇ گۆشى، ئۇن تائاملىرى ۋە كۆكتاتنى ئالماشتۇردى. ئارقىدىن 2014-يىلى 3-ئايدا ئۇ بەدەن چېنىقتۇرۇش تەشكىلاتىغا تىزىملاتتى، گەرچە ئۇ بۇ ئورۇقلاش كوللېكتىپىدىكى بىردىنبىر ئەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئوڭايسىزلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇ قارارنىڭ ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ توغرا بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى.
بىر يېرىم يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق، Mark مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 57 كىلوگىرام ئورۇقلىدى، ھازىر ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 114 كىلوگىرام بولۇپ، ئۇ بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدى. Mark ئۆزىنىڭ ئورۇقلاشتىن ئىلگىرى بىر بۇلۇڭدىكى سېمىز ئىكەنلىكىنى، ئەزەلدىن مېھماندوست ئەمەسلىكىنى، قاۋاقخانىلارغىمۇ بارمايدىغانلىقىنى، ئايروپىلاندا كېڭەيتىلگەن تاسمىسى بار ئورۇندۇقنى ئىزدەش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، 13 يىل ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. ھازىر ھەممە ئۆزگەردى. Mark خۇشال ھالدا قاۋاقخانىغا بارالايدۇ، خۇشال ھالدا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلالايدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved