جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابى شىنزو 29-ئاپرېل ئامېرىكا پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە تاجاۋۇزچىلىق تارىخىي ۋە «ھەربىيلەرگە ھەمراھ بولغۇچى ئاياللار» مەسىلىسىدە كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلىپ، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ كۈچلۈك رەددىيە بېرىشىگە ئۇچرىدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى نىكى خوندا ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى بۇنىڭدىن ناھايىتى ھەيران قالدىم، بۇ بىر نومۇسسىزلىق دەپ تەرىپلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئابى شىنزونىڭ تارىخقا توغرا قاراشنى رەت قىلغانلىقى ئاسىيا تىنچ ئوكياندىكى «ھەربىيلەرگە ھەمراھ بولغۇچى 200 مىڭ ئايال»نىڭ روھىغا ھاقارەت قىلغانلىق، بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جاۋ مېيشىن ئابى شىنزو ياپونىيەنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئازابلىق مەزگىلدىكى مەسئۇلىيىتىگە پىسەنت قىلمىدى دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئابى شىنزو ياپونىيە نەزىرىنى كەلگۈسىگە قارىتىشى كېرەك دېدى، لېكىن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئۆزىنى سوراش بولمىسا ئالغا قاراپ ماڭغىلى بولمايدۇ. ئابى شىنزو نۇتۇق سۆزلىگەن كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنت بىناسىنىڭ سىرتىدا نەچچە يۈز ئامما يىغىلىپ نامايىش قىلدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى ستېف ئىسرېئال ئابى شىنزو نۇتۇق سۆزلەشتىن ئىلگىرىلا نامايىشچىلار ئارىسىغا كىرىپ ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئابى شىنزونىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا توغرا مۇئامىلە قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved