ئامېرىكىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ 28-نويابىر ئاشكارىلىشىچە، ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ كېلەر يىلى يانۋاردا ھۇجۇم قوزغاپ، ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئىگىلىۋالغان ئىراقنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى موسۇلنى قايتۇرۇۋالىدىكەن. بۇ ئەمەلدار ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى تورىدا مۇنداق دېگەن: ئىراقنىڭ ھازىرقى ھەربىي پىلانى ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە كۇرت ئاپتونوم رايونىنىڭ مىڭ نەپەر قوراللىق خادىمىنى توپلاپ، ئايرىم-ئايرىم جەنۇب ۋە غەرب تەرەپتىن موسۇلغا قىستاپ كىرىپ، پۇت تېرەپ تۇرغاندىن كېيىن، تەدرىجىي ھالدا بۇ رايوننى كونترول قىلىپ، «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش.
ئامېرىكا ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: بۇ پىلان تېخى بېكىتىلمىدى، لېكىن ھەرىكەت باسقۇچىدا تۇرىۋاتىدۇ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ھاۋادىن ياردەم بېرىدۇ. بۇ يىل ئىيۇندا «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» تەشكىلاتى موسۇلنى ئىگىلىۋالدى ھەمدە تاكى بۈگۈنگىچە بۇ رايوننى كونترول قىلىپ تۇرماقتا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved