.قۇرۇلۇشى: 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قۇرۇلۇشى 7 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىدا 1999-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئەڭ بۇرۇن مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى مېخانىزمى بولۇپ، 2008-يىلى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، رەھبەرلەر يىغىنى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. 2009-يىلى 9-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن پىتسبۇرگ رەھبەرلەر يىغىنىدا، 20 دۆلەت گۇرۇھى خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىكى ئاساسلىق مۇنبەر بولۇپ قاللدى.
تەشكىللىنىشى: جۇڭگو، ئارگېنتىنا،ياپونىيە ئاۋسترالىيە، برازىلىيە، كانادا، فرانسىيە، گېرمانىيە، ھىندىستان، ھىندۇنىزىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، كورېيە، مېكسىكا، روسىيە، سەئۇدىي ئەرەبىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، تۈركىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق 20 تەرەپتىن تەشكىللەنگەن.
ئالاھىدىلىكى: 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرى كەڭ تارقالغان، ۋەكىللىكى كۈچلۈك، تۈزۈلۈشى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ مەنپەئەت تەڭپۇڭلۇقىغا ئېتىبار بەرگەن، نوپۇسى پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى، دۆلەت زېمىنى يەر شارىنىڭ %60 نى، دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يەرشارىنىڭ %90 نى، سودا سوممىسى يەرشارىنىڭ %80 نى ئىگىلىگەن
.13-نويابىر، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو-چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياردەمچىسى جېڭ گۇازې، خەلقئارا ئىقتىساد ئەدلىيەسىنىڭ باشىلىقى جاڭ جۇن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇروھى باشلىقلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش ۋە ئاۋستىرالىيە، يېڭى زىللاندىيە، فىجىلەردە دۆلەت زىيارىتىدە بولۇش شۇنداقلا فىجى بىلەن تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلىتى رەھبەرلىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ھەققىدىكى ئۇچرىشىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ۋە مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
بۇ 2016- يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر چاي ئىچۈرۈش سۈرەتلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان نادىر سۈرەتلەر بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سۈرەتلەر ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved