ئاناناسنى نىمىشقا تۇز سۈيگە چىلايدۇ
ئەتىيازئاناناسنىڭ بازارغا چىقىدىغان پەسلى ،ئاناناسنىڭ ئوزوقلۇق قىممىتى مول ،ئىسسىقنى قايتۇرۇپ ئىسسىق ئۆتۈشنى داۋالايدۇ ،ئۇسسۇزلۇقنى ،قاندۇرۇپ ،تاماقنىڭ ھەزىم بولشىغا ياردەم قىلىدۇ ،مىدىتسىنادىكىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى .ئاناناسنى يىيىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال تۇز سۈيىگە چىلايدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلمىز .ئۇنداقتا ئاناناسنى يىيىشتىن بۇرۇن نىمىشقا تۇز سۈيگە چىلايدۇ ؟ ئاناناسنى تۇز سۈيگە قانچىلىك ۋاقىت چىلسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ ؟
ئاناناسنى نىمىشقا تۇز سۈيگە چىلايدۇ ؟
1- زىيادە سېزىمچانلىق ئىنكاسىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن .
بەزىلەر ئاناناسنى يەپ بولغاندىن كىيىن بەلكىم رىئاكسىيە قىلدىغان ئىنكاسلار يۈز بىرشى مۇمكىن ،ئاناناسنى يەپ 15 مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە كىسەل قوزغىلىپ قالسا قورساق ئاغرىيدىغان ،ئىچى سۈرۈپ ياندۇردىغان ياكى باش ئاغرىيدىغان ،باش قايدىغان ،پۈتۈن بەدەن قىزىپ قىچىشىدىغان ، پۇت –قوللار بىلەن تىل قولىشىدىغان ،ھەتتا نەپەس ئېلىشمۇ قىيىنلىشىپ شۇكلىشىپ قالدىغان ئىغىر ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىدۇ . كىشلەر بۇ خىل رىئاكسىيەنى «ئاناناستىن زەھەرلىنىش » ياكى « ئاناناس كىسلى » دەپمۇ ئاتايدۇ .
« ئاناناس كىسلى» نى پەيدا قىلىشنى كەلتۈرۈپ قىلدىغان سەزگۈر ماددىلار ئاساسى جەھەتتىن « ئاناناس ئاقسىل فېرمېنت » . تۇز سۈيى « ئاناناس ئاقسىل فېرمېنت » كەلتۈرۈپ كىلدىغان سەزگۈر قۇرۇلمىلارنى بۇزۇپ تاشلىيالايدۇ ، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولغان بەزىبىر زەھەرلىك ماددىلارنى يوقتىۋىتەلەيدۇ .شۇڭلاشقا ئاناناسنى يىگەندە ئاۋۋال شۆپكىنى ئادالىۋىتىپ ،پارچىلغاندىن كىيىن تۇز سۈيىگە چىلاش كىرەك ،بۇنداق قىلغاندا ئاناناسنىڭ ئاقسىل فېرمېنتنىڭ رىئاكسىيە قىلشىنى تۆۋەنلىتىپ تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللارنىڭ كىلىپ چىقشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .
2- تەمنى تېخىمۇ تاتلىق قىلىدۇ .
ئاناناسنى يىرىم سائەت ئەتراپىدا تۇز سۈيىگە چىلاپ قويسا رىئاكسىيە قىلدىغان ئەھۋاللىرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئاناناسنىڭ بىر قىسىم ئورگانىك كىسلاتاسىنى تۇز سۈيىدە ئاجىرتىپ ئاناناسنىڭ تەمىنى تېخىمۇ تاتلىق قىلىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ئاناناسنىڭ تەركىبىدە ئوكسالىك كىسلاتا بار ، بۇ ئادەم بەدىننىڭ كالتيسىنى ،تۆمۈرنى سۈمىرىشىگە تەسىر يىتىدۇ ، ئاش تۇزىغا چىلسىمۇ ئۇنىڭ كىسلاتالىقىنى نېيتراللاشتۇرالايدۇ ،بۇنداق قىلغاندا سالامەتلىككە بەك زىيان قىلىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن .
ئاناناسنى تۇز سۈيگە قانچىلىك ۋاقىت چىلسا بولىدۇ ؟
ئاناناسنىڭ پوستىنى ئاقلىۋەتكەندىن كىيىن پارچە –پارچە قىلىپ قايناق سۇغا چىلىغاندىن كىيىن يىيىش كىرەك . ئاناناسنىڭ پروتېئىنازاسى 45-50 گىرادۇستا سۈپىتى ئۆزگەرتىپ ئاساسى رولىدىن قالىدۇ ،100 گىرادۇسقا يەتكەندە 90 % ئارتۇقى پۈتۈنلەي بۇزۇلۇپ بولىدۇ . گلىكوزىد خىلدىكلەرمۇ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا بۇزۇلۇپ ،يوقىلىپ كىتىدۇ .
ئەگەر ئاناناسنىڭ ساپ تەمىنى ساقلاپ قىلىشنى ئويلىسڭىز ،پارچىلغان ئاناناسنى تۇز سۈيىگە يىرىم سائەت چىلاپ ،يەنە سوغوق قايناق سۇ بىلەن يۇيۇپ تۇزنىڭ تەمىنى يۇيۇپ چىقىرۋەتسىڭىز بولىدۇ ،بۇنداق قىلغاندا رىئاكسىيە قىلدىغان ماددىلارنىمۇ چىقرىپ تاشلىغىلى بولىدۇ .ئىسىڭىزدە چىڭ تۇتىڭكى ئاناناسنى ھەممە ئادەم يىسە بولدىغان نەرسە ئەمەس ،ئەگەر بەدەىنگە بىر نەرسىلەر ئاسان رىئاكسىيە قىلدىغان كىشلەر بولۇپ قالسا ئاناناسنى يىيىشتىن ھەزەر ئەيلەش كىرەك .
ئاناناسنىڭ يىيىش ئۇسۇلى
ئاناناسنىڭ تەركىبىدە قەنىت ماددىسى ،گلۇكوزا ، ۋىتامىن ،فوسفور ،لىمون كىسلاتاسى بىلەن پروتېئىنازا قاتارلىق ئوزوقلۇق ماددىلار بار . ئۇنىڭ تەمى قۇرۇق ئىسسىق ،ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇپ ،ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ ،ئىچ سۈرۈكنى توختىتىش رولى بار .ئاناناسنى شۆگۈرۈچكە سىلىپ ياكى قېتىق بىلەن بىللە يىسە يىيىشلىك بولۇپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ . ئەگەر ئاناناسنى ھەر خىل ئۇششاق يىمەكلىك قىلسا ياكى ئىچىملىك قىلىپ ئىچسە ،تەملىك بولۇپ ساقلىقنى ساقلاش رولى بار .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نامى ——— LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved