ئامېرىكا جۇڭگونىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا قارىماي تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

      ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC) تاراتقۇسىنىڭ 16-دېكابىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شۇ كۈنى تەيۋەنگە 1 مىليارد 831 مىليون دوللار قىممىتىدىكى قورال-ياراغ سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ھەمدە دۆلەت پارلامېنتىغا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى قاراپ چىقىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلغان. ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم تەيۋەنگە سېتىپ بەرمەكچى بولغىنى «پىلى» ناملىق قوغدىغۇچى ھەربىي پاراخوتى، سۇ ۋە قۇرۇقلۇقتا تەڭ جەڭ قىلالايدىغان تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغۇچى ھەربىي ماشىنا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ئاقساراي مۇنۇلارنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇزاق مۇددەتتىن بۇيان چىڭ تۇرۇپ كەلگەن «بىر جۇڭگو» پىرىنسىپى يەنىلا ئۆزگەرمەيدۇ، دېگەن. بۇ تۆت يىلدىن بۇيانقى ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.    بۇنىڭغا قارتا، تەيۋەننىڭ «زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى» باياناتچىسى چىن يېشىن مۇنۇلارنى بىلدۈرۈپ: ما يىڭجۇ تەيۋەننىڭ «زۇڭتۇڭى» بولغان مەزگىلدە ھەر يىللىق ھەربىي قورال-ياراغ سېتىۋېلىش سوممىسى 2 مىليارد 510 مىليون دوللارغا يېتىپ، چىن شۈبىيەن «زۇڭتۇڭ» بولغان مەزگىلىدىكى ھەر يىللىق ئوتتۇرىچە سېتىۋېلىش سوممىسى 1 مىليارد 50 مىليون ۋە لى دېڭخۇي «زۇڭتۇڭ» ۋاقتىدىكى ھەر يىللىق ئوتتۇرىچە سېتىۋېلىش سوممىسى 1 مىليارد 350 مىليون دوللاردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى، دېدى. تەيۋەن «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى»نىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشىچە، بۇ ما يىڭجۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۆتىنچى قېتىملىقى، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە ئۈچىنچى قېتىملىق زور مىقداردا قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشى ئىكەن. بۇ قارارنامە بىر ئايدىن كېيىن رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىكەن، تەيۋەن «دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى» ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ قارارىغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

      خەۋەردە كۆرستىلىشچە، تەيۋەن ئىزچىل ئامېرىكىنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە F-16 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلانىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ كەلگەن، لېكىن بۇ قېتىملىق قورال سېتىۋېلىشتا بۇ ئارزۇسى ئىشقا ئاشمىغان. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەچكە، ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم تەيۋەنگە سېتىپ بېرىدىغان قورال-ياراغ تىزىملىكىگە تېخىمۇ زامانىۋىلاشقان يېڭى تىپتىكى F-16

 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلاننى كىرگۈزمىگەن. ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىم تەيۋەنگە سېتىپ بېرىدىغىنى ئىككى دانە ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن قوغدىغۇچى ھەربىي پاراخوت ئىكەن.

     ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ئىشىغا قارتا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خوڭ لېي 15-دېكابىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىش ئىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ بۇ مەيدانى مۇستەھكەم، ئېنىق بولۇپ، مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. مەن يەنە شۇنى تەكىتلەيمەنكى ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا تۈزگەن ئۈچ بىرلەشمە باياناتنىڭ مەزمۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق بولۇپ، بۇ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامانلىقىنى تونۇپ يېتىشىنى، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشنى توختىتىشىنى، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ ۋەزىيىتى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق كۆپرەك ئىشلارنى قىلىشىنى قاتتىق مۇراجىئەت قىلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
17-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
    ھىندى مۇرتلىرى گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھىندىستاننىڭ 62 مىليون دوللار تىنچلىقنى قوغدا...
06-05-2016
   شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، جەنۇبىي ئافرىقا كاپېتوۋن، جەنۇبىي ئافرىقا پارلامېنتى زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەش دېلوسى ئۈستىدە داۋاملىق كېڭەشكەن بولۇپ، زۇڭتۇڭ زۇما نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، ئۆكتىچى پارتىيە ئىقتىسادىي ئەركىنلىك جەڭچىسى پارتى...
06-05-2016
    جۇڭگو گېزىتى تورى، 6-ماي تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە ئاخباراتلىرىنىڭ 5-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈرىيە ۋە تۈركىيەنىڭ چېگراسىدىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، نۇرغۇن ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ئاز...
06-05-2016
     مالايسىيا زۇڭلىسى نەجيب 6- ماي مۇنداق دېگەن: قۇتقۇزغۇچى خادىملار 5- ماي كالىمانتان ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى ساۋاراك ئوبلاسىتىدا يوقاپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى بايقىدى، ئايروپىلاندىكىلەرنى ئ...
06-05-2016
    يېقىنقى كۈنلەردە، ئېكۋادوردىكى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون Chamanga، شۇ يەردىكى پىدائىيلار جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياردەم بەرگەن چېدىرلارنى توشۇماقتا. بېيجىڭ ۋاقتى 17-ئاپرېل ئېكۋادورنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان دېڭىز بويىدىكى...
06-05-2016
    4-ماي سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇ نەزەربەند قىلىنغان قاھىرەدىكى مائادى ھەربىي دوختۇرخانىسى سىرتىغا يىغىلىپ، ئۇنىڭ 88 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
06-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە تاكسى شوپۇرلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، UBER قاتارلىق تاكسى توسۇش دېتاللىرىغا قارشى تۇردى.
06-05-2016
    تۈركمەنىستان ئاخار چىلان تورۇق بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 23–ئاپرېل زۇڭتۇڭ ئات مەيدانىدا ئەڭ كۆركەم چىلان تورۇقنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ‹‹بەگخان›› ئىسىملىك سەككىز ياشلىق كۈلرەڭ ئات باھالىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتى...
06-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھومۇس ئۆلكىسىدە ئىككى قېتىم پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 10 پۇقرا قازا قىلغان، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.      دەسلەپكى قە...
06-05-2016
    مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىنىيەلىك قۇتقۇزغۇچى خادىملار 5- ماي پايتەخت نايرۇبىدا 6- كۈن ئىلگىرى قارا يامغۇر يېغىش سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ خارابىلىرى ئارىسىدىن قورساق كۆتۈرگىنىگە 8 ئاي بولغ...
Powered by Leglek