دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى

يېڭى يىل ھارپىسىدا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلدى، سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە: ۋاقىت تېز ئۆتۈپ ھەش پەش دىگۈچە 2014-يىل ئۆتۈپ، 2015-يىل كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە مەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار ۋە ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەتئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت ۋە ھەرقايسى رايوندىكى دوسلارنىڭ يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلايمەن.

 

   2014-يىلى ئۇنتۇلغۇسىز بىر يىل بولدى، بۇ بىر يىلدا بىز ئىسلاھاتنى قەيسەرلىك بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدۇق، بىر يۈرۈش زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى چىقاردۇق، نۇرغۇن ئىسلاھات تەدبىرلىرى پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بىز ئىقتىسادى تەرەققىياتتىكى يېڭى ھالەتكە ماسلىشىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى يەنە ياخشىلىدۇق، 12-دېكابىر كۈنى جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنيەسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇشىدا رەسمىي سۇ باشلاندى، لىنيە بويىدىكى 400 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە باشقا جايغا كۆچۈپ، بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن خالىسانە تۆھپە قوشتى، بىز ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. ئۇلارنىڭ يېڭى يۇرتىدا بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز،

 

بۇ بىر يىلدا بىز ئىستىلنى ئوڭشاپ ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، شەكلىۋازلىق، بيوگراتلىق، راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك ئىستىلىغا نۇقتىلىق قارشى تۇردۇق، نەتىجىدە ئەھۋالدا كۆپ ياخشىلىنىش بولدى، بىز چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىنى كۈچەيتىپ، قەتئىي يول قويماسلىق پوزىتىيەسى بىلەن چىرىك ئۇنسۇرلارنى قاتتىق جازالاپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، رەزىللىكنى جازالاشتىكى قەتئىي ئىرادىمىزنى نامايەن قىلدۇق، بۇ بىر يىلدا بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، بېيجىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزدۇق، ئېلىمىز رەھبەرلىرى نۇرغۇن قېتىم چەتئەللەرگە زىيارەتكە چىقتى، چەتئەل رەھبەرلىرىمۇ نۇرغۇن قېتىم ئېلىمىزگە زىيارەتكە كەلدى، بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق دۇنيا جۇڭگونى تېخىمۇ ياخشى تونۇدى.

 

بۇ خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن بىزنىڭ ھەر دەرىجىلىك كادىرلىرىمىزمۇ جاپالىق تىرىشتى، ئەلۋەتتە خەلقنىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا بۇ خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىشىمىز قىيىن ئىدى، مەن ئۇلۇغ خەلقىمگە ئاپىرىن ئەيتىمەن.

 

   بۇ بىر يىلدا قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسى خاتىرە كۈنى، ئىنقىلاۋى قەھرىمانلار خاتىرە كۈنى، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلار دۆلەت تەزىيە كۈنى بېكىتىلىپ، داغدۇغۇلۇق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى، مەيلى قايسى دەۋردە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر دۆلەت ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن،تىنچلىق ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان كىشىلەرنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمىز.

 

   بۇ بىر يىلدا بىز كىشىنى قايغۇغا سالىدىغان پەيتلەرنىمۇ باشتىن كەچۈردۇق، مالايسيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH370بەلگىلىك ئايروپىلانى يۈتۈپ كېتىپ، 150 نەچچە قېرىندىشىمىزنىڭ ئىز دېرىكى بولمىدى، بىز ئۇلارنى ئۇنۇتمىدۇق، بىز چوقۇم داۋاملىق تىرىشىپ، ئامالنىڭ بارىچە ئۇلارنى تاپىمىز، بۇ بىر يىلدا دۆلىتىمىزدە بەزى زور تەبئىي ئاپەت ۋە بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى يۈز بەردى، نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز بەختكە قارشى بىزدىن ئايرىلدى، يۈننەن ئۆلكسىنىڭ لۇدىيەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 600 نەچچە كىشى قازا قىلدى، بىز ئۇلارنى ياد ئېتىمىز، ئۇلارنىڭ ئۇرۇغ تۇغقانلىرى ئامان ئېسەن بولغاي.

 

   يېڭى يىل قوڭغۇرىقى چېلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، بىز داۋاملىق تىرىشىپ خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى تۇرمۇشىمىزدا رىياللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك، بىز داۋاملىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، ئارقىغا چېكىنمەسلىكىمىز كېرەك، ئىسلاھاتتا قەتئىي ئالغا قاراپ ماڭغاندىلا ئاندىن غەلبە قىلالايمىز، بىز دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ھوقۇقى مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم، بىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىنى ئۆز مۇددىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

 

   ئېلىمىزدە خەلق تۇرمۇشى كۈنسېرى ياخشىلانماقتا، ئەمما بىز تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، بىز تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى،بولۇپمۇ نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئاساسى تۇرمۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالە، شەھەرلەردىكى قىيىنچىلىقى بار ئامما قاتارلىق ياردەمگە مۇھتاج بارلىق كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز، ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىشىمىز كېرەك.

 

   بىز داۋاملىق پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساشتا قەتئىي تەۋرەنمەسلىكنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتەك ئۆتكۈر شەمشىرىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تۈزۈم قەپىزىنى پۇختىلاپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى سوتسيالىستىك دۆلەتتە چىرىك ئۇنسۇردىن بىرى بايقالسا بىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چىرىكلەشكەنلەرنى، خىيانەتچىلەرنى قاتتىق جازالىشىمىز لازىم.

 

   بىز ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز، قەتئي تەۋرەنمىسەكلا ئاندىن غەلبە قىلالايمىز، يېرىم يولدا توختاپ قالساق، ھىچقانداق ئىشىنى باشقا ئېلىپ چىقالمايمىز، بىزنىڭ پىلانىمىز ئۇلۇغ پىلان، كۆرىشىمىز مۈشكۈل، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ،كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىرادىدىن مۇستەھكەم قورغان ياساپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى قەتئىي ھەل قىلىپ، جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى يىلدىن يىلغا ياخشىلىشى كېرەك.

 

   جۇڭگو خەلقى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىستىقبالىغا، دۇنيانىڭ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئافرىقىدا ئىبۇلا يۇقۇمى بولغاندا ياردەم بەردۇق، مالدىۋىنىڭ پايتەختىدە سۇ توختاپ كېتىۋىدى ياردەم بەردۇق، نۇرغۇن مۇشۇنداق ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز جۇڭگو خەلقىنىڭ ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى، نۆۋەتتە دۇنيا يەنىلا تىنچسىز، بىز تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىمىز، بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، بارلىق خەلقنى ئاچ يالىڭاچلىقنىڭ ئازاپ ئوقۇبىتىدىن، بارلىق ئائىلىنى ئۇرۇش ئازاپ ئوقۇبىتىدىن خالى قىلىپ، بارلىق بالىلارنىڭ تىنچ مۇھىتتا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

   كۆپچىلىككە رەھمەت!

X



خەتكۈچلەر:
02-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    بۇندىن كېيىن شىنجاڭلىقلار ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ 10 كۈن ئىچىدە يەر خېتى بېجى تاپشۇرمىسام جەرىمانە تۆلەيمەن دەپ تەمتىرەپ يۈرمەيدۇ. بۇندىن كېيىن، پەقەت ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنى بېجىرىشتىن بۇر...
26-05-2016
    جىنەن شەھىرىدە لىدا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەر چېقىش كۆچۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ، چېقىلىدىغان ئۆيلەرنى سېتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش باھانىسى بىلەن جەمئىي يەتتە ئادەمنىڭ 4684820 يۈەن پۇلنى ئال...
24-05-2016
    ئەتراپتىكى قەۋەت-قەۋەت ئۆيلەرگە سېلىشتۇرغاندا، شاڭخەي گۇاڭ فۇلىدىكى ئاھالىلەر بولسا مەينەتچىلىكتە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۆرۈلۈپ كېتەيلا دەپ قالغان بولۇپ، قارىماققا ئولتۇرغىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. نۆۋەتتە، ...
21-05-2016
    ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئۆي-مۈلۈك جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلارنىڭ نىشانىغا ئايلانغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ، تۈركىيە، تايلاند، فىجى، كامبودژا ...
20-05-2016
    4-ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار تۇرالغۇ ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.2 ئۆستى. 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان 70 چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرنىڭ 4-ئايلىق ئۆي باھاسى سانلىق ...
18-05-2016
ئاسىيا جەمئىيىتى (Asia Society) ۋە روسېن مەسلىھەتچىلىك شىركىتى (Rosen Consulting Group) نىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئورگان ۋە سودا ھاۋالىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغاندا، جۇڭگولۇقلار ئامېرىكىدا ئۆي-مۈلۈك سېتى...
17-05-2016
       2015-يىلغىچە، ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ مىنىستىرلىق ۋە كومىتېتنىڭ ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالىشىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونو...
16-05-2016
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئۈرۈمچىدە ئۆي سېتىۋېلىش شىركەتلىرى، قايسى خىل باھادىكى ئۆيلەرنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ؟ يېقىندا، شاڭخەي يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئېلان قىلغان «2015-يىللىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى چوڭ ۋە ئوتتۇرا 35 شەھەردىكى ...
15-05-2016
بۇ يىلدىن بۇيان، تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى ۋە سوممىسى يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشتى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەتتىكى تاۋار ئۆي سېتىلىش كۆلىمى 360 مىليون كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بىرىنچى ...
14-05-2016
مەركىزىي ئاسىيا تورى خەۋىرى، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2016-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى نومۇر تاللاش مۇراسىمى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 10-قېتىملىق ئاشكارا نومۇ...
Powered by Leglek