جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈشىدىكى ئۈچ ئاساسى سەۋەب

ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە بايقىلىشىچە، شامالدارىش، قىسمەن قان يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە تىقىلمىسى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئاساسلىق كېسەللىكلەر ئىكەن، 2013-يىلى بۇ ئۈچ چوڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئۆلگەنلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %46 ىنى ئىگىلىگەن.

188 دۆلەتتىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىتا ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل جۇڭگودىكى ۋاقتى توشماي تۇغۇش ئەگەشمە كېسەللىكى ۋە ئۆپكە ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈش بارغانسېرى ئازلىغان. 1990-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، ۋاقتى توشماي تۇغۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۆلۈش نىسبىتى %87 تۆۋەنلىگەن، 1990-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، 2013-يىلى جۇڭگودا باشقا كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈش نىسبىتىدە يۇقىرىلاش كۆرۈلگەن، مەسىلەن: ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى ۋە ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلى قاتارلىق. بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆمرى ئۇزارغان بولۇپ، 1990-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 8.6 يىل ئۇزىراپ، دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولغان، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى ئۆمۈر مۆلچەرى ئۇزىراش تەرتىپىدە 25-ئورۇندا تۇرغان.

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىكى ئەڭ خەتەرلىك كېسەللىك شامالدارىش، قىسمەن قان يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۆپكە تىقىلمىسى ئىكەن، 2013-يىلى بۇ ئۈچ چوڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئۆلگەنلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %46 ىنى ئىگىلىگەن. قاتناش ھادىسىسى ۋە شامالدارىش 15 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغان كىشىلەر توپىنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ، 2013-يىلى 267 مىڭ 576 كىشىنىڭ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 70 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر توپىدا، شامالدارىش ئەڭ ئاساسلىق ئۆلۈش سەۋەبى ئىكەن. لېكىن، بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب غەيرىي تۇغۇلۇپ قېلىش بولۇپ، 2013-يىلى 5 ياشتىن تۆۋەن 50 مىڭ 853 بالا شۇ سەۋەبتىن ئۆلۈپ كەتكەن.

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
13-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
09-04-2016
تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشكە ھېرىسمەن بولۇشى ئاسانلا ‹‹تېلېۋىزور كېسىلى››نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. تېلېۋىزور بالىلارنىڭ كۆزى، قولى ۋە مېڭىسىنىڭ ماسلاشما ھەرىكىتىنى ئازايتىۋېتىدىكەن. ئېكراندىكى تېز سۈرئەتلىك كۆرۈ...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، باش بارماق ئارقىلىق خەت ئۇرۇپ ئۇچۇر يوللاش، كۆرسەتكۈچ بارماق ۋە ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئېكراننى سۈرۈپ تېلېفۇن ئويناشتىن ئىبارە...
07-03-2016
ئەتىگەندە ئاشقازان ئاساسەن قۇرۇق بولۇپ، ئاچ قورساققا قېنىق چاي ئىچسە، ئاشقازان ئۈچەينى بىئارام قىلىپ، ئىشتىھانى تۇتۇپلا قالماي، يەنە نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەتىگەندە چاي ئىچكەندە بىرىنجى قېتىم دەملىگەن چاينى تۆكۈۋېتى...
02-03-2016
جىنتايەنە بىلەن ئاقمۇشتىن 30 گرام ، ئاساروندىن 21 گرام ، سۇمبۇل بىلەن قوستەتەلىقتىن 20 گرامدىن ئېلىپ سوقۇپ ، 500 گرام ھەسەل بىلەن مەجۈن تەييارلاپ ، كۈندە ئىككى ۋاق تۆت گرامدىن يەپ بەرسە ، ئاياللاردىكى ئاق خۇن كۆپ كېلىش ، قورساق ، بەل - پ...
06-02-2016
    مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قاراش. نۇرغۇن ئاياللار قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى بۆلىمىدە تەكشۈرتۈشكە سەل قارىغانلىقتىن، ئويلىمىغان كېسەللىكلەر كېلىپ چىقماقتا، شۇڭا دىققەت قىلىش كېرەك. ...
06-02-2016
    ئىجادچانلىق مۇستەقىل تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى. ئادەملەرنىڭ ئىجادچانلىقىنى قېزىشتا ئۇلارنى بالىلىق ۋاقتىدىن باشلاپ تەربىيەلەشكە، مەشىقلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر. ئىجادچانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئامېرىكىلىق داڭلى...
05-02-2016
       سوپۇن پاراشوكىنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە زىيانلىق بەزى خىمىيىلىك ماددىلار بولغاچقا، ئۇنىڭدا يۇيۇلۇپ پاكىز چايقالمىغان كىيم–كېچەك ياكى سۈيدۈك لاتىسىدا بۇنداق زىيانلىق ماددىلار قىسمەن ...
05-02-2016
  چوڭ مېڭە توقۇلمىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، قاندىكى گلۇكوزا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان بىردىنبىر ماددا بولغاچقا، قان قەنتىنىڭ بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولۇشى چوڭ مېڭە ئىقتىدارىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.    قان قەن...
04-02-2016
         بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار قىش پەسلىدە ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا سەل قارىسا بولمايدۇ، ئەگەر قارشىلىق كۈچى تۆۋەن بولغاندا، ئاسان زۇكام تىگىش، ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەن...
04-02-2016
          شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە...
Powered by Leglek