شياڭگاڭ «ئەدەبىي مەجمۇئەلەر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زەيكا ۋىرۇسى داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قىتئەسىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن يەرلىكتىكى تۇنجى يۇقۇملانغۇچى بايقالغان، يەنە كېلىپ، ئۇ يېقىنقى مەزگىلدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملانغان تۇنجى كىشى ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ تېكساس ئاھالىسى زەيكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، زەيكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، بۇنىڭدىن ئالاقىدار تارماقلار زەيكا ۋىرۇسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە، تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە تارقىلىشىدىن ئەندىشىگە چۈشكەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تۈنۈگۈن(3-فېۋرال) ئامېرىكىدا كۆرۈلگەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق زەيكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش مىسالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن ۋە زەيكا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ياكى باشقا تەن سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچرىشىش ئەھۋالىنى چوقۇم يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش كېرەك، دەپ قارىغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved