ئەلا مۇلازىمىتىڭىز ئارقىلىق خېرىدارنى تۇتۇپ قېلىڭ

ھەر قېتىم كۆكتات سېتىۋېلىش ئالدىدا ئۆيۈمگە يېقىن ئىككى كۆكتات دۇكىنىنىڭ قايسىسىغا كىرىشتە سەل دېلىغۇل بولىمەندە، ئاخىر يەنىلا چوڭ - كىچىك ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇرغان چوڭ يولدىن مىڭ تەستە ئۆتۈپ، كۆكتاتلىرىنىڭ باھاسى يولنىڭ بۇ يېقىدىكى دۇكاندىن قىممەترەك كۆكتات دۇكىنىغا ماڭىمەن. بەزىلەر بەلكىم ھەيران بولۇپ مېنى سەل ئەخمەقمۇ نېمە دەپ ئويلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق قىلىشىمدا ئۆزۈمگە تۇشلۇق سەۋەبىم بار، ئەلۋەتتە.

ھەر قېتىم كۆكتاتلىرى قىممەترەك بولغان دۇكانغا كىرىشىمگە، خوجايىن كۈلۈپ تۇرۇپ: ئىشتىن ئەمدى چۈشتىڭمۇ، دەپ سورايدۇ، ئاندىن سەن ئالدىرىماي تاللا، ئاخىرىدا بىراقلا ئۆلچەپ بېرەي، دەپ كۆكتات سالىدىغان خالتىنى ئېلىپ قولۇمغا بېرىدۇ، يېڭىدىن ئەكەلگەن كۆكتاتلارنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويىدۇ، بەزىدە پۇل تۆلىگەندە پارچە پۇل كەملەپ قالسا، چىقىۋەرگىن، ھېچقىسى يوق، كېيىن تەڭشىلىپ كېتىدۇ، دەيدۇ، يەنە بەزىدە بىر سىقىم ئاشكۆكى ياكى بىر باش سامساق دېگەندەك نەرسىلەرنى «سوۋغا» قىلىپمۇ قويىدۇ، قولۇمدا نەرسىلەر كۆپ بولۇپ كەتكەندە ئىشىكنى ئېچىپ بېرىشنى، ھەر قېتىم، يولدىن دىققەت قىلىپ ئۆتكىن، دېيىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئەمدى يەنە بىر ئەرزان كۆكتات دۇكىنىچۇ؟ ھەر قېتىم ئىشتىن چۈشۈپ، تاماق ئېتىشكە ئالدىراپ بۇ دۇكانغا كىرگىنىمدە ئىككى - ئۈچ مۇلازىمەتچىنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ چىرايىدىن بىر ئىللىقلىق ھېس قىلمايمەن، سېسىپ كەتكەن كۆكتاتلارنى مالتىلاپ تاللاپ بولالماي، يېڭى كۆكتات يوقمۇ، دەپ سورىسىڭىز، بارى مۇشۇ، دەپلا قاراپ تۇرغىنى تۇرغان. بىر كۈنى قولۇمدا قول سومكامدىن باشقا مۇخبىرلىق سومكام، نان، بولكا دېگەندەك كۈندىلىك يېمەكلىكلەر سېلىنغان خالتىدىن باشقا يەنە پارچە سۈت قاچىلانغان سۇلياۋ خالتىمۇ بولغاچقا، كۆكتاتلارنى تاللاپ بولغۇچە شۇنداق قىينىلىپ كەتتىم، مۇشۇ ھالىتىمنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق، بىر مۇلازىمنىڭ كۆكتاتلارنى ئۆلچەپ بولۇپ، كۆكتاتلارنى خالتىغا سېلىپ بەرمەكتە يوق، خالتىنى ئالدىمغا تاشلاپ بەرگىنىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي، قولۇمدىكى شۇنچە نەرسىلەرنى كۆرمەيۋاتامسىز ئۇكام، خاپا بولماي قاچىلاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، دېدىم ئاچچىقىمدا، ئۇ خالىمىغان ھالدا كۆكتاتلارنى قاچىلاپ بەردى، شۇ كۈندىن باشلاپ بۇ دۇكانغا كىرىشتىن تېخىمۇ رايىم ياندى.

يۇقىرىدا ئېيتقانلىرىم پەقەت ئىككى كىچىك كۆكتات دۇكىنىنىڭ مۇلازىمىتىدىكى ئوخشىماسلىق، خالاس. ئېچىۋاتقىنىمىز مەيلى چوڭ تاللا بازىرى بولسۇن، مەيلى مانا مۇشۇنداق كىچىك كۆكتات دۇكىنى بولسۇن ۋە مەيلى كوچا بويىدا يېيىۋالغان يايما بولسۇن، بىز پەقەت ئەلا مۇلازىمىتىمىز ئارقىلىقلا، خېرىدار جەلپ قىلالايمىز، ئەڭ مۇھىمى، «يانچۇقىمىزغا چۈشىدىغان پۇل»نىمۇ كۆپەيتەلەيمىز. مۇلازىمەت بىر خىل مەبلەغ سېلىش، يەنى «ھېسسىياتقا مەبلەغ سېلىش» ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ خېرىدارنى جەلپ قىلغىلى، تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مۇلازىمەت بىر خىل كۆرۈنمەس مۈلۈكتۇر، مۇلازىمىتىڭىز ياخشى بولسا، خېرىدار ئۆزى سىزنى ئىزدەپ كېلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
14-03-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-04-2016
يېقىندا، جەنۇبىي ئافرىقىلىق فوتوگراف فۇررى Kruger دۆلەت باغچىسىدا ساياھەت قىلىش جەريانىدا، ئورمانلىقتا يۈز بەرگەن بىر مەيدان جەڭنى سۈرەتكە تارتىۋالغان بولۇپ، بۇ سۈرەتتىن قارىغاندا، بىر چىشى فاكوخېرۇس ياۋا توڭگۇزىنىڭ بالىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچ...
12-04-2016
2016-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ھىندونېزىيەنىڭ جاكارتادىن كەلگەن مالىيە ئىشلىرى باشقۇرغۇچىسى Erni Wijaya بىر تۈركۈم جانلىق سۈرەتلەرنى تارتىۋالغان بولۇپ، بۇ سۈرەتتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر بوغما يىلان بىر چاشقاننى...
12-04-2016
رۇسىيەنىڭ كامچاتكا يېرىم ئارىلىدا، بىر ئېيىق ئانا بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بېلىق تۇتقان بولۇپ، ياۋايى ھايۋاناتلار فوتوگرافى Mike Korostelev بۇ نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كىچىك چاغدا، بىز ئۇلارنى پۇشكىن د...
12-04-2016
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ھۆرمەت توپى ساداسى، ياڭراق ناخشا، رەتلىك قوشۇن، سۈرلۈك قىياپەتلەر پارات بىزگە قالدۇرغان تەسىراتتىن ئىبارەت. بۈگۈن بىز فوتوگرافنىڭ كامېراسىغا ئەگىشىپ، باشقا بىر نۇقتىدىن رۇسىيە غالبىيەت كۈنىنى...
12-04-2016
خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ھۆرمەت توپى ساداسى، ياڭراق ناخشا، رەتلىك قوشۇن، سۈرلۈك قىياپەتلەر پارات بىزگە قالدۇرغان تەسىراتتىن ئىبارەت. بۈگۈن بىز فوتوگرافنىڭ كامېراسىغا ئەگىشىپ، باشقا بىر نۇقتىدىن رۇسىيە غالبىيەت كۈنىنى...
12-04-2016
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى، ھىندىستان ماندرا، ھىندىستانلىق ئون مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى كارما ئۇسسۇلى (ھىندىستاندىكى داڭلىق يەرلىك ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل) ئويناپ، دۇنيا جېننىس رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلغان.
12-04-2016
خەلقئارادا نېفىت باھاسى سىجىل چۈشۈۋاتقانلىقتىن، مىسىرنىڭ ئىقتىسادى بىر ئىزدا توختاپ قالدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: قىسقا مۇددەتلىك ئەھۋالدىن قارىغاندا، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا پايدىلىق؛ ئەمما ئۇنىڭ نېفىت كەسىپ زە...
12-04-2016
ئەنگىلىيەنىڭ نوتتىنگخام ۋىلايىتىدىكى بىر جۈپ ئەر-ئايال ئادەم بىلەن جۇدى سەككىز ئايلىق شېرىن ئاي ساياھىتى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىن ئېستىپا بېرىپ، ئۆيلىرىنى سېتىپ، پۈتۈن يەر شارىنى ئايلىنىپ ساياھەت قىلغان ۋە بۇ ساياھەتكە تەخمىنەن 25 مىڭ ف...
12-04-2016
بۇ مەھسۇلات تەبئىي ئۈسۈملۈك جەۋھەرلىرىنى خام ئەشيا قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ ،ئىممىنۇت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئەيدىز ۋېرۇسىنى تىزگىنلەيدۇ،ئەيدىز ۋېرۇسىنىڭ بەدەندە داۋاملىق يامراپ كېتىشىنى توسۇش ئارقىلىق ئەيدىز بىمارلىرىدىكى روھ...
12-04-2016
نۆۋەتتە سۇبارۇ بىر نۇسخا BRZ tS STI نامىدىكى يېڭى ماشىنىنى رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ نۇسخا ماشىنىنى STI بۆلۈمى ياسىغان، گەرچە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدە ئۆزگىرىش بولمىسىمۇ، ئەمما قىياپىتى ۋە تەگلىكىنى ئازراق دەرىجە ئاشۇرغان. بۇ نۇسخا ماشىن...
Powered by Leglek